توXنىڭ بىر پارچە ئوغۇرلۇق دېلوسى 1- سوت جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى 2016-12-09 17:20:13
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى
[2016] ش 3022 ج د 55-نۇمۇرلۇق
ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
جاۋاپكار تو، Xئەر، ئۇيغۇر، 1985-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: قەشقەر شەھەر. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. جاۋابكار تو X2016-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇلۇپ، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كىپىللىككە بىرىلگەن.
ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ئەيىپلەش [2016] 45-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار توXنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن.
مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن سوت ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ قانۇن بويىچە ئاددىي تەرتىپتە 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقتى. ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن تەپتىشلەردىن ئەسقەرجان تۆمۈر، دىلشات ھاكىملار سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋاپكار توX سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى. ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىنىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.
ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق دەپ ئەيىپلەيدۇ، « جاۋپكار تو X2016-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاقتۇ ناھىيلىك ياڭاقلىق ماي قاچىلاش پونكىتى تەرەپكە كىملىكىنى كۆپەيىتكىلى كىلىپ زىيانلانغۇچى شۇ Xنىڭ ئاچقۇچ بىلەن توختۇتۇپ قويغان 2580 يۈەن قىممىتىدىكى، ئىككى چاقلىق، كۆك رەڭلىك جىن جىيەن ماركىلىق توكسىكلىتنى كۆرۈپ، توكسىكىلىتنى ئوغۇرلاپ ئاقتۇ ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەت 4-كەنىتتىكى ئىجارە ئۆيىگە تىقىپ قويۇپ، 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 13:00لەر ئەتراپىدا ئوغۇرلىغان توكسىكىلىتنى مىنىپ، ئۇكىسى مXنىڭ قەشقەردىكى رىمۇنىت قىلىدىغان دۇككىنىغا ئىلىپ بارغاندىن كىيىن، دۇككاندىكى مىXغا « مىنى ئىشلەتكەن خەنزۇ 1500 يۈەن ئىش ھەققىمنى بەرمىگەن ئىدىن ماۋۇ توكسىكىلىتنى ئىش ھەققىمگە ھىساپلاپ شۇ خەنزۇدىن ئىلىپ كەلدىم، ياخشى قاراپ قويۇڭ» دەپ موتونى دۇككانغا قويۇپ، ئۆزى قەشقەردىن ئاقتۇ ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەت 4-كەنىتتىكى ئىجارە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان، جاۋاپكار ئوغۇرلىغان توكسىكىلىت ئەسىلىگە كىلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلۇپ زىيان ئەسلىگە كەلگەن. جاۋابكارنىڭ يۇقارقى قىلىمىشىدىن‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن ئوغۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بەرسەڭلار›› دەيدۇ.
جاۋاپكار تو Xسوتتا تەپتىش مەھكىمىسىنڭ ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتىلگەن جىنايى قىلمىشىنى ئىتىراپ قىلدى ۋە « مىنىڭ بۇ تۇنجى قىتىملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈشۈم، بۇنىڭدىن بۇرۇن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ باقىمىغان، جىنايىتىمدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىدىم، سوتنىڭ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن» دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.
جاۋابكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلاردىن 1-يازما ئىسپات 1) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەتىرىتى چىقارغان جاۋابكارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛2) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەتىرىتىنىڭ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى؛3) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەتىرىتىنىڭ تۇتۇپ قالغان ۋە قايتۇرۇپ بەرگەن بۇيۇملارنىڭ تىزىملىكى؛ 2-زىيانلانغۇچنىڭ بايانى 1) زىيانلانغۇچى شۈ Xنىڭ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى بايانى؛ 3-جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 1) جاۋابكار توXنىڭ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى، ۋە 27-كۈنىدىكى سوراق خاتىرىسىدىكى ئىقرارى؛ 4-گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى- گۇۋاھچى مىXنىڭ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى بايانى؛ 5-باھالاش پىكىرنامىسى ئاقتۇ ناھىيلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باھالاش يەكۈنى؛ 6-نەق مەيدان سۈرىتى ۋە نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىساتلاپ بىرىدۇ. يۇقارقى ئىسپاتلارنى جاۋاپكار سوت ئۈستىدە ئىتىراپ قىلدى، ھەم مەھكىمىمىز بۇ دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كۈچىنى بىكىتىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋاپكار توXنىڭ دۆلەت قانۇنى كۆزگە ئىلماي باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. تەپتىش مەھكىمىسنىڭ جاۋاپكار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان شىكايىتىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ. جاۋاپكارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ ئوتتۇرىغا قويغان ئاقلاش پىكىرىنىڭ ھېچقانداق پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق. جاۋابكارنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە جازا بەرگەندە جاۋابكارنىڭ تۇنجى قىتىم جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى، زىياننىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسى، 72-ماددىسى 52-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:
1. جاۋاپكار توXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن ئۈچ ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلىپ، جازاسى ئالتە ئاي كىچىكتۈرۈلدى. قوشۇمچە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.
جاۋاپكارنىڭ جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ھۆكۈم بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھىسابلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسگە نارازىلىق ئەرز بىرىشكە ھوقۇقلۇق (نارازىلىق ئەرز بەرگەندە ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسدىن ئىككى نۇسقا، كۆچۈرمىسدىن بىر نۇسقا جەمئى ئۈچ نۇسقا تاپشۇرۇشى شەرت).
سوتچى خۇرشىدە ھەبىبۇللا
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى
پۈتۈكچى مامۇتقان مەمەتجان
|