添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

ئاXنىڭ بىر پارچە قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىش دېلوسى

1- سوت جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

2016-12-09 17:09:26


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

            [2016] ش 3022 ج د 54-نومۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى.

جاۋاپكار ئا، Xئەر، 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، دىھقان، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئاقتۇ ناھىيە، جاۋاپكار ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان، ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكارنى قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىش جىنايى قىلىمىشىغا ئاساسەن 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى قانۇن بويىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بەرگەن.

ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ئەيىپلەش [2016] 44-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكارنى قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ 2016–يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز بۇ دېلونى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقتى. ئاقتۇ ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن تەپتىشلەردىن ئەسقەرجان تۆمۈر، دىلشات ھاكىملار سوتقا چىقىپ ئەيىبلەشنى قوللىدى، جاۋاپكار ئاX ۋە قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى پاX سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىنىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 00:15 دە جاۋاپكار ئاX پىراۋىسىز، نومۇر تاختىسى يوق «سۇزۇكى» ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتۇسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا قاXنى ئولتۇرغۇزۇپ، موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ ئاقتۇ ناھىيە تەرەپتىن ئۈژمە يېزا تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىپ، موتۇسىكىلىتنى 63 كىلومىتىر ھەر سائەت تىزلىك بىلەن ھەيدەپ كىلىپ، ئۆلكە يولى 214-لىنىيە 32 كىلو مىتىر +800 مىتىرلىق ئورۇنغا كەلگەندە، ئۆزى بىلەن بىر يۆلىنىشتە ئالدى تەرەپتە كىتىۋاتقان ئەX پىراۋىسىز ھەيدەپ ماڭغان ئىككى چاقلىق موتسكىلىتنىڭ سول تەرەپنى يانداپ ماڭغانچە سوقۇپ، ئەX يارلىنىپ نەق مەيداندا ئۆلۈپ كىتىشتەك، ئاX بىلەن قاX يارلىنىشتەك قاتناش ھادىسىسى يۈزبەرگەن.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ (2015) 41-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرى جەسەت تەكشۈرۈش ئانالىز پىكىرىدە «ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا ئىغىر سىرتقى كۈچىنىڭ تەسىرىدىن كىيىن مىڭىسى ئىغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ يەكۈن چىقارغان.

قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى نەق مەيدان تەكشۈرۈش ۋە شىنجاڭ يول قاتناش ھادىسلىرى ماددى ئىسپاتنى باھالاش يەكۈنى ئارقىلىق بۇ قاتناش ھادىسىسىدە جاۋاپكار ئا Xئاساسلىق جاۋاپكارلىقنى، ئەX قوشۇمچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قاXنىڭ جاۋاپكارلىقى يوق دەپ قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى چىقارغان. جاۋابكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئشىلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسىگە ئاساسەن قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز دەپ شىكايەت قىلدى.

جاۋاپكار سوتتا تەپتىش مەھكىمىسىنڭ ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتىلگەن جىنايى قىلمىشى ۋە پاكىتنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنى ئاقلاش جەھەتتە پىكىرىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سوتتا تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە، 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 00:15 دە جاۋاپكار ئاX پىراۋىسىز، نومۇر تاختىسى يوق «سۇزۇكى» ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتۇسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا قاXنى ئولتۇرغۇزۇپ، موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ ئاقتۇ ناھىيە تەرەپتىن ئۈژمە يېزا تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىپ، موتۇسىكىلىتنى 63 كىلومىتىر ھەر سائەت تىزلىك بىلەن ھەيدەپ كىلىپ، ئۆلكە يولى 214-لىنىيە 32 كىلو مىتىر +800 مىتىرلىق ئورۇنغا كەلگەندە، ئۆزى بىلەن بىر يۆلىنىشتە ئالدى تەرەپتە كىتىۋاتقان ئەX پىراۋىسىز ھەيدەپ ماڭغان ئىككى چاقلىق موتسكىلىتنىڭ سول تەرەپنى يانداپ ماڭغانچە سوقۇپ، ئەX يارلىنىپ نەق مەيداندا ئۆلۈپ كىتىشتەك، ئاX بىلەن قادىر شىرىپ يارلىنىشتەك قاتناش ھادىسىسى يۈزبەرگەن.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ (2015) 41-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرى جەسەت تەكشۈرۈش ئانالىز پىكىرىدە «ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا ئىغىر سىرتقى كۈچىنىڭ تەسىرىدىن كىيىن مىڭىسى ئىغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ يەكۈن چىقارغان.

قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى نەق مەيدان تەكشۈرۈش ۋە شىنجاڭ يول قاتناش ھادىسلىرى ماددى ئىسپاتنى باھالاش يەكۈنى ئارقىلىق بۇ قاتناش ھادىسىسىدە جاۋاپكار ئا Xئاساسلىق جاۋاپكارلىقنى، ئەX قوشۇمچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قاXنىڭ جاۋاپكارلىقى يوق دەپ قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى چىقارغان.

ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئەXنىڭ ئايالى پاشاخان قادىر مەھكىمىمىزگە جاۋاپكار ئاX ئۈستىدىن قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلغان، سوت ئىچىش جەريانىدا تەرەپلەر قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسىمىدا ئۆز ئارا كىلىشىپ قالغانلىقى ئىنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

1. يازما ئىسپات.

1) ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى چىقارغان جاۋابكارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى. بۇ جاۋبكارنىڭ 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تولۇق جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا توشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چىقارغان زىيانلانغۇچىلارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى. بۇ قاتناش ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئەXنىڭ 1966-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

3) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى. بۇ ساقچىلار دېلو مەلۇمەتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، نەق مەيدانغا بىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېلو نىڭ پاش بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

4) ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى پىراۋا ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى. بۇ جاۋاپكارنىڭ 653022196601070856 نومۇرلۇق كىملىكىدە ھىچ قانداق پىراۋا بىجىرىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

5) ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ موتۇرلۇق قانتاش ۋاستىسىنىڭ ئۇچۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسى. بۇ زىيانلانغۇچى ئەX ۋەقە يۈزبەرگەندە ھەيدىگەن  موتسىكىلىتنىڭ رەسىمىيىتى تولۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

   6) ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى (2015)0414-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى. بۇ جاۋاپكار ئاXنىڭ بۇ قاتناش ھادىسىسىدا ئاساس جاۋاپكارلىقنى، زىيانلانغۇچى ئەX قوشۇمچە جاۋاپكارلقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، قاXنىڭ جاۋاپكارلىقى يوقلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى

گۇۋاھچى قاXنىڭ ج خ گەپ سوراش خاتىرىسىدىكى گۇۋاھلقى. بۇ ئۆزىنىڭ ۋەقە سادىر بولغان كۈنى جاۋاپكار بىلەن ھاراق بوتكىسىدا بىللە ھاراق ئىچكەنلىكىنى كىيىن قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچىراپ ھوشىدىن كەتكەنلكىنى ئىسپاتلايدۇ.

3. باھالاش پىكىرى

1) شىنجاڭ يول قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنىڭ (2015) 408-نومۇرلۇق ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش پىكىرى. بۇ جاۋابكارنىڭ قىنىدا 127.4mg/100ml ئىسپىرىت تەركىۋى بايقالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2) شىنجاڭ يول قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنىڭ (2015) 409-نومۇرلۇق ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش پىكىرى. بۇ زىيانلانغۇچى ئەXنىڭ قىىنىدا ئىسپىرىت تەركىۋى بايقالمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

3) قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستىلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ (2015)45-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرى جەسەت تەكشۈرۈش ئانالىز پىكىرى. بۇ زىيانلانغۇچى ئەX ھايات ۋاقتىدا باش قىسىمى سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ مىڭە ئىغىر زەخمىلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

4) شىنجاڭ يول قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنىڭ (2015) 2147-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىنى ئىلىمى باھالاش يەكۈنى. بۇ جاۋاپكار قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغاندا ھەيدىگەن موتسىكىلىتنىڭ ھەر سائەتلىك تىزلىكى 63 كىلومىتىر ئىكەنلىكىنى، قازا قىلغۇچى ئەX ھەيدىگەن موتسىكىلىتنىڭ ھەر سائەتلىك تىزلىكى 43 كىلومىتىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

4. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى

جاۋابكار ئاXنىڭ ئىككى قىتىملىق ج خ گەپ سوراش خاتىرىسىدىكى ئىقرارى. جاۋاپكارنىڭ ج خ سورىقىدىكى ئىقرارى سوتتىكى ئىقرارى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ جاۋابكارنىڭ ئەيىپلەشنامىدا بىكىتىلگەن جىنايى پاكىتنى ئىتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

5. ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى

نەخ مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەخ مەيدان فوتۇ سۈرىتى بۇ جاۋاپكار قاتناش ھادسىسى سادىر قىلغان نەق مەيداننىڭ ئۆلكە يولى 214-لىنىيە 32 كىلو مىتىر +800 مىتىرلىق ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، سوتتا تەكشۈرۈپ ئىنىقلانغان يۇقارقى پاكىت ۋە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جاۋاپكارنىڭ ئۈستىدىن ئىلىپ بارغان شىكايىتىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ. جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن ھەق تەلەپ قىىسىمىدا كىلىشىپ ئۇلارنىڭ كەچۈرىشىگە ئىرىشكەنلىكى، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىك تەرەپلىرىنى نەزەرگە ئىلىپ جاۋاپكارغا مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تىگىشلىك، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى، 72-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

جاۋاپكار ئاXنىڭ قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ جازاسى بىر يىل ئالتە ئاي كىچىكتۈرۈلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ھۆكۈم بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ.

ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۈرۈپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسدىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرىز بىرىشكە ھوقۇقلۇق. (يازما نارازىلىق ئەرىز بەرگەندە ئەرىز خېتنىڭ ئەسلى نۇسقىسدىن ئىككى نۇسقا كۆچۈرمىسىدىن بىر نۇسقا تاپشۇرۇشى شەرت).

                    باش سوتچى  غەيرەت شەمشىدىن

                       سوتچى  خۇرشىدە ھەبىبۇللا

                   خەلق زاستاتىلى  گۈلمىرە ھۈسىيۈن

                      2016-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى

                         پۈتكۈچى  ئەكرەمجان دارمان

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿克陶县法院网
关闭窗口
地址:阿克陶县人民东路170号:   邮编:845550:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2