添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

گۇX،ئاX،ئاXX،ئاXXX ،قۇX,تاXلارنىڭ جىنايى ئىشلار قوشۇنچە ھەق تەلەپ دېلوسى

1- سوت جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

2016-12-09 16:35:15


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسى

[2016] ش 3022 ج د 53-نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى گۇX (ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ئىXنىڭ ئايالى)، ئايال، 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، ساۋاتلىق، دىھقان، ئاقتۇ ناھىيە.

دەۋا ۋاكالەتچىسى نۇX، ئاقتۇ ناھىيە قانۇن ياردەم مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى. ھوقۇق دائىرىسى ئادەتتىكىچە ھوقۇقلۇق.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى ئاX (ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ئىXنىڭ قىزى)، ئايال، ئۇيغۇر، 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دىھقان، ئاقتۇ ناھىيە.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى ئاXX (ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ئىXنىڭ قىزى)، ئايال، ئۇيغۇر، 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دىھقان، ئاقتۇ ناھىيە.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى ئاXXX (ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ئىXنىڭ قىزى)، ئايال، ئۇيغۇر، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دىھقان، ئاقتۇ ناھىيە.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى قۇX (ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ئىXنىڭ دادىسى)، ئەر، ئۇيغۇر، 1967-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دىھقان، ساۋاتسىز، ئاقتۇ ناھىيە.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى تاX (ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ئىXنىڭ ئانىسى)، ئايال، ئۇيغۇر، 1967-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دىھقان، ساۋاتسىز، ئاقتۇ ناھىيە.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى ئاX، ئاXX، ئاXXXنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى قۇX ۋە تاXنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىسى گۇX (ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ئىXنىڭ ئايالى)، ئايال، 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، ساۋاتلىق، دىھقان، ئاقتۇ ناھىيە.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى باX (ۋەقەدە زەخمىلەنگۈچى)، ئەر، ئۇيغۇر، 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، دىھقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئاقتۇ ناھىيە.

ھاۋالە قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى ھX، (قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى باXنىڭ دادىسى)، ئەر، 1974-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، ئاقتۇ ناھىيەدە ئولتۇرۇشلۇق. ھوقۇق دائىرىسى تولۇق ھوقۇقلۇق.

جاۋاپكار تۇX، ئەر، 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئاقتۇ ناھىيە. جاۋاپكار ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. جاۋاپكار قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىش جىنايىتى بىلەن ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.

جاۋاپكارنىڭ ئاقلىغۇچىسى ۋە جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋا ۋاكالەتچىسى ئىX، شىنجاڭ ئىسھاق ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى. جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىدىكى ھوقۇق دائىرىسى ئادەتتىكى ھوقۇقلۇق.

جاۋاپكارنىڭ ئاقلىغۇچىسى ۋە جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋا ۋاكالەتچىسى ئوX، شىنجاڭ ئىسھاق ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ پىراكتىكانىت ئادۋۇكاتى. جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىدىكى ھوقۇق دائىرىسى ئادەتتىكى ھوقۇقلۇق.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكار گۇX (ۋەقە سادىر قىلغان موتسىكلىتنى ھەيدىگۈچى ۋە ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ئىXنىڭ ئايالى)، ئايال، 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، ساۋاتلىق، دىھقان، ئاقتۇ ناھىيە.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋاپكىرى تۇX (جاۋاپكار تۇX دېلو سادىر قىلغاندا ھەيدىگەن تىرەكتۇرنىڭ ئىگىسى)، ئەر، 1992-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، ئاقتۇ ناھىيەدە ئولتۇرۇشلۇق.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋاپكار ئورۇن جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى تارماق شىركىتى، شىركەتنىڭ قانۇنى ۋەكىلى شىن X، ۋەزىپىسى شىركەت دېرىكتورى

دەۋا ۋاكالەتچىسى ئەX (شىركەت خادىمى)، ئەر، 1989-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇيغۇر، ئالى تىخنىكوم مەلۇماتىغا ئىگە، ھوقۇق دائىرىسى تولۇق ھوقۇقلۇق.

ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ئەيىپلەش [2016] 43-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكارنى قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. دەۋا جەريانىدا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى گۈX ، ئاX، ئXاX، ئاXXX، قۇX، تاX، باXلار مەھكىمىمىزگە قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلدى. مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ دېلونى ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقتى. ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن تەپتىشلەردىن ئەسقەرجان تۈمۈر، دىليار تۇرغۇنلار سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى گۈX، ھاۋا قىلغان دەۋا ۋاكالەتچىسى نۇX، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى باXنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى ھX، جاۋاپكار ياX، ئاقلىغۇچى ۋە قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋا ۋاكالەتچىسى ئىX، ئوX، قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋاپكىرى تۇX، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى جاۋاپكار ئورۇن جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى تارماق شىركىتىنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى ئەX قاتارلىقلار سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى. ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىنىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

تەپتىش مەھكىمىسى، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21:15 ئۆتكەندە جاۋاپكار تۇX پىراۋىسىز تىرەكتۇرنى ھەيدەپ ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا قۇغۇنچى كەنىت تەۋەسىدىكى ئىتىزلىقتىن چوڭ ماي يولغا ماڭدىغان توغرا يولدىن، ناھىيە يېزا يولى X391 لىنىيە 11 كىلومىتىر +650 مىتىرلىق ئورۇندىكى چوڭ ماي يولغا چىقىپ، ئوڭ تەرەپكە ئايلىنىپ مىڭىپ تۇرشىغا، ئىX ئاقتۇ ناھىيە تەرەپتىن ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنىڭ ئاقىسغا باX بىلەن ناXنى ئولتۇرغۇزۇپ، ھەر سائەتكە 51 كىلومىتىر تىزلىك بىلەن ھەيدەپ كەلگەن موتسىكىلىتنىڭ ئالدى، تۇX ھەيدەپ ماڭغان تىرەكتۇر كوزۇپىنىڭ سول تەرەپ كەينىگە سوقۇلۇپ، موتسىكىلىت ھەيدىگۈچى ئىX نەق مەيداندا ئۆلۈپ كىتىشتەك، موتسىكىلىت ئارقىسىدا ئولتۇرغۇچى باX بىلەن ناX يارلىنىپ، موتسىكىلىت بۇزۇلۇشتەك قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستىلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاپ بىكىتىش ئورنى (2015) 61-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرى جەسەت تەكشۈرۈش ئانالىز پىكىرنامىسدە «ئۆلگۈچى ئىX ھايات ۋاقتىدا باش قىسىمى ئىغىر سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن كىيىن مىڭىسى ئىغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ باھالاش پىكىرنامىسى چىقارغان

قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى نەق مەيدان تەكشۈرۈش ۋە شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ يەكۈنى ئارقىلىق « بۇ قاتناش ھادىسىدە تۇX ئاساسلىق جاۋاپكارلىقنى، ئىX قوشۇمچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، باX، ناXنىڭ جاۋاپكارلىقى يوق» دەپ قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى چىقارغان. جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىنى تونۇش پوزىتسىيەسى ياخشى. جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق جازا بېرىشىڭلارنى سورايمىز دەپ شىكايەت قىلدى.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى گX، ئاX، ئاXX، ئاXXX، قۇX، تاX « 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە جاۋاپكار تۇX پىراۋىسىز ھالدا تىرەكتۇرنى ھەيدەپ ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا قۇغۇنچى كەنىت تەۋەسىدىكى ئىتىزلىقتىن چوڭ ماي يولغا ماڭدىغان توغرا يولدىن، ناھىيە يېزا يولى X391 لىنىيە 11 كىلومىتىر 650 مىتىرلىق ئورۇندىكى چوڭ ماي يولغا چىقىپ ئوڭ تەرەپكە ئايلىنىپ مىڭىپ تۇرشىغا، ئاقتۇ ناھىيە تەرەپتىن ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئىX 51 كىلومىتىر تىزلىك بىلەن ھەيدەپ كەلگەن ماتۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنىڭ ئالدى، تۇX ھەيدەپ ماڭغان تىرەكتۇر كوزىپىنىڭ سول تەرەپ كەينىگە سوقۇلۇپ، ئىX يارلىنىپ نەق مەيداندا ئۆلۈپ كىتىشتەك، موتسىكىلىت ئارقىسىدا ئولتۇرغۇچى باX بىلەن ناX يارلىنىپ، موتسىكىلىت بۇزۇلۇشتەك قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى نەق مەيدانغا بىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە تۇX ئاساسلىق جاۋاپكارلىقنى، ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئىX قوشۇمچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ [2015] 077-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسىنى چىقاردى، شۇڭا ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىق قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتىلىك ماددىلىرى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەبىقلاشتىكى ئەدىلىيىلىك ئىزاھاتدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە: 1.جاۋاپكاردىن ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئىXنىڭ ئۆلۈم تۆلەم پۇلى 188501.6 يۈەن، 2. دەپنە پۇلى 27203.5 يۈەن، 3. ئاXنىڭ بىقىلىش راسخۇدى 51555 يۈەن، 4. ئاXنىڭ بىقىلىش راسخۇدى 62602.5 يۈەن، 5.ئاXنىڭ بىقىلىش راسخۇدى 66285يۈەن، 6. مىيىتنى ئۇزۇتۇش جەريانىدىكى 6 ئادەمنىڭ يەتتە كۈنلۈك ئىشتىن قىلىش پۇلى 6258 يۈەن بۇلۇپ جەمئى 402405.6 يۈەننىڭ %80 تى 321924.48 يۈەننى ئىلىپ بىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن» دەپ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلدى.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى باX «2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە جاۋاپكار تۇX پىراۋىسىز ھالدا بىلەن تىرەكتۇرنى ھەيدەپ ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا قۇغۇنچى كەنىت تەۋەسىدىكى ئىتىزلىقتىن چوڭ ماي يولغا ماڭدىغان توغرا يولدىن، ناھىيە يېزا يولى X391 لىنىيە 11 كىلومىتىر 650 مىتىرلىق ئورۇندىكى چوڭ ماي يولغا چىقىپ ئوڭ تەرەپكە ئايلىنىپ مىڭىپ تۇرشىغا، ئاقتۇ ناھىيە تەرەپتىن ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئىX 51 كىلومىتىر تىزلىك بىلەن ھەيدەپ كەلگەن ماتۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنىڭ ئالدى، تۇX ھەيدەپ ماڭغان تىرەكتۇر كوزىپىنىڭ سول تەرەپ كەينىگە سوقۇلۇپ، ئىX يارلىنىپ نەق مەيداندا ئۆلۈپ كىتىشتەك، موتسىكىلىت ئارقىسىدا ئولتۇرغۇچى باX بىلەن ناX يارلىنىپ، موتسىكىلىت بۇزۇلۇشتەك قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى نەق مەيدانغا بىرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىدە تۇX ئاساسلىق جاۋاپكارلىقنى، ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئىX قوشۇمچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ [2015] 077-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسىنى چىقاردى، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىين مىنىڭ باش قىسىمىم ئىغىر زەخمىلەنگەنلىكتىن مەن جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيە دوختۇرخانىسى، ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانسى قاتارلىق ئورۇنلاردا داۋالاندىم، بۇ جەرياندىكى چىقملىرىم 1.بالنىستا يىتىپ داۋالىنىش، تەكشۈرتۈش پۇلى 115148.67 يۈەن، 2. 50 كۈنلۈك تاماق پۇلى 1250 يۈەن، 3. 50 كۈنلۈك ئوزۇقلىنىش پۇلى 1250 يۈەن، 4. 50 كۈنلۈك ئىشتىن قىلىش پۇلى كۈنلىكى 149 يۈەندىن 7450 يۈەن، 5. 50 كۈنلۈك قارىغۇچىنىڭ قاراش ھەققى كۈنلىكى 149 يۈەندىن 7450 يۈەن، 6.قاتناش پۇلى 1000 يۈەن بولۇپ جەمئى 133548.67 يۈەن بولدى، مەن جۇڭگۇ خەلق دوختۇرخانىسى، ئاقتۇ ناھيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلاردا داۋالانغان بولساممۇ سالامەتلىكىم ئەسلىگە كەلمىدى، بىشىمنىڭ سۆڭىكىدىكى زەخمىلەنگەن بىر قىسىمىنى ئىلۋەتكەن، ئىلۋەتكەن سۆڭەكلەرنىڭ ئورنىغا سۆڭەك سالماقچى، شۇڭا كىيىنلىك داۋالىنىشىم، مىيىپلىق تۆلەپ پۇلى تۇغرىسىدا ئايرىم دەۋا قىلىمەن، شۇڭا ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىق قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتىلىك ماددىلىرى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانى زىيان تۆلەم دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەبىقلاشتىكى ئەدىلىيىلىك ئىزاھاتدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جاۋابكارلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە يۇقارقى 133548.67 يۈەننى جاۋابكارلاردىن ئېلىپ بىرىشىڭلارنى تەلەپ قىلمەن» دەپ ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلدى.

جاۋاپكار تۇX ئەيىپلەشنامىدە بىكىتىلگەن جىنايى قىلمىش پاكىتىغا قارىتا باشقىچە پىكىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنى ئۆزى ئاقلاش جەھەتتە «مەن دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە بىلمەي تىرەكتۇر ھەيدەپ قاپتىمەن، زىيانلانغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىدىن كەچۈرۈم سورايمەن، سوتنىڭ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن» دىگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جاۋاپكارنىڭ ئاقلىغۇچىسى «1.ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتنىڭ [2015] 077-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپ نامىسدا جاۋاپكار تۇXنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئىغىر بىكىتىپ قويغان؛ 2.قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن جاۋاپكار تۇX ياردارلارنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىپ قۇتقۇزغان، ھەم نەخ مەيداننى ياخشى قوغدىغان؛ 3.قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن جاۋاپكار نەخ مەيداندىن ئۆتۋاتقان ئاXغا ھاۋالە قىلىپ 110 غا دېلو مەلۇم قىلغان، شۇڭا جاۋاپكارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 67-ماددا 1-تارماقدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋاپكارغا يىنىك جازا بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز، 4. جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيە ياخشى. 5. زىيانلانغۇچىلارنىڭ ئەمىلىي زىيىنىغا قارىتا جاۋاپكار ئىمكانىيىتنىڭ بارىچە زىيىنىنى تۆلەپ بەردى. شۇڭا كىڭەشمە سوت يۇقارقى ئەھۋاللارنى نەزەرگە ئىلىپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 133-،62-،63-،67-،72-ماددىلىرىغا ئاساسەن جاۋاپكارغا يىنىك جازا بىرىپ جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلمىز» دەپ ئاقلاش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرىنىڭ يۇقارقى ئەرزىگە قارىتا جاۋاپكار تۇX «قانۇنغا ئۇيغۇن قىسىمىنى تۆلەيمەن» دىگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جاۋاپكارنىڭ قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىدىكى دەۋا ۋاكالەتچىسى « 1) جاۋاپكار تۇX %60 مەسئۇلىيەتنى، %40 مەسئۇلىيەتنى ئىX ئۈستىگە ئىلىش كىرەك، 2) باX ئوتتۇرىغا قويغان ئىشتىن قىلىش ۋە قارىغۇچىنىڭ قاراش ھەققى قانۇندىكى بەگىلىمىگە ئۇيغۇن ئەمەس. سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن قۇشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگەرلىرىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن چىقملىرىنىڭ %60 تىنى ئۈستىمىزگە ئالساق.» دىگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرىنىڭ يۇقارقى ئەرزىگە قارىتا قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋاپكىر تۇX «تىرەكتۇرنىڭ بارلىق رەسمىيىتى تولۇق، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرسە شۇنى تۆلەپ بەرسەم.» دىگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى باXنىڭ دەۋا تەلىپىگە قارىتا قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكىرى گX «مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى باXنىڭ زىيانلىرىنى تۆلەپ بەرسەم بولىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرىنىڭ يۇقارقى ئەرزىگە قارىتا قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋاپكىر جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى تارماق شىركىتى «ھادىسە سادىر قىلغان تىرەكتۇرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىمىز، لىكىن جاۋاپكار تۇXنىڭ تىرەكتۇر ھەيدەش پىراۋىسى يوق، بۇ بىزنىڭ تۆلەم دائىرىمىزگە كىرمەيدۇ، شۇڭا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگەرلىرىنىڭ چىقىملىرىنى تۆلىمەيمىز.» دىگەن پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سوت قىلىپ ئېنىقلىشىمىزچە، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 21:15 ئۆتكەندە جاۋاپكار تۇX پىراۋىسىز ھالدا تىرەكتۇرنى ھەيدەپ ئاقتۇ ناھىيە بارىن يېزا قۇغۇنچى كەنىت تەۋەسىدىكى ئىتىزلىقتىن چوڭ ماي يولغا ماڭدىغان توغرا يولدىن، ناھىيە يېزا يولى X391 لىنىيە 11 كىلومىتىر +650 مىتىرلىق ئورۇندىكى چوڭ ماي يولغا چىقىپ، ئوڭ تەرەپكە ئايلىنىپ مىڭىپ تۇرشىغا، ئىX ئاقتۇ ناھىيە تەرەپتىن ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنىڭ ئارقىسغا باX بىلەن ناXنى ئولتۇرغۇزۇپ، ھەر سائەتكە 51 كىلومىتىر تىزلىك بىلەن ھەيدەپ كەلگەن موتسىكىلىت ئالدى، تۇX ھەيدەپ ماڭغان تىرەكتۇر كوزۇپىنىڭ سول تەرەپ كەينىگە سوقۇلۇپ، موتسىكىلىت ھەيدىگۈچى ئىX نەق مەيداندا ئۆلۈپ كىتىشتەك، موتسىكىلىت ئارقىسىدا ئولتۇرغۇچى باX بىلەن ناX يارلىنىپ، موتسىكىلىت بۇزۇلۇشتەك قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستىلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاپ بىكىتىش ئورنى (2015) 61-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرى جەسەت تەكشۈرۈش ئانالىز پىكىرنامىسدە «ئۆلگۈچى ئىX ھايات ۋاقتىدا باش قىسىمى ئىغىر سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىدىن كىيىن مىڭىسى ئىغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان» دەپ باھالاش پىكىرنامىسى چىقارغان.

قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى نەق مەيدان تەكشۈرۈش ۋە شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ يەكۈنى ئارقىلىق « بۇ قاتناش ھادىسىدە تۇX ئاساسلىق جاۋاپكارلىقنى، ئىمX قوشۇمچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، باX، ناXنىڭ جاۋاپكارلىقى يوق» دەپ قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى چىقارغان.

قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن جاۋاپكار تۇX نەخ مەيداندىن ئۈتۈپ كىتۋاتقان ئاXغا ھاۋالە قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغانلىقى ئىنىقلاندى.

ئۇنىڭدىن باشقا، جاۋاپكار تۇX دېلو سادىر قىلغاندا ھەيدىگەن تىرەكتۇرنىڭ قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋاپكىرى تۇXنىڭ نامىدا ئىكەنلىكى، بۇ تىرەكتۇرنىڭ جۇڭگۇ خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قىزىلسۇ تارماق شىركىتىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرى سوغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلغانلىقى، قاتناش ھادىسسىدە قازاقىلغۇچى ئىXنىڭ يېزا نوپۇس ئىكەنلىكى، ئىXنىڭ ئۈچ پەرزەنتى بولۇپ ئاX ئىسىملىك پەرزەنتىنىڭ 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغانلىقى، ئاXX ئىسىملىك پەرزەنتىنىڭ 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغانلىقى، ئاXXX ئىسىملىك پەرزەنتىنىڭ 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغانلىقى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى باX ۋەقەدە يارلانغاندىن كىيىن ئازاتلىق ئارمىيە دوختۇرخانىدا جەمئى 39 كۈن يېتىپ 107510 يۈەنلىك داۋالانغانلىقى. ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا جەمئى 5 كۈن يېتىپ 11787.06 يۈەنىلك داۋالانغانلىقى، بۇ پۇلدىن 8917.49 يۈەننى يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىشتىن تۆلەپ بىرىلگەنلىكى، بۇ جەرياندا بىر نەپەر قارىغۇچى باXغا مەخسۇس قارىغانلىقى. سوتتا جاۋاپكار تۇX زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيىنى ئۈچۈن 9000 يۈەننى سوتقا تاپشۇرغانلىقى، سوتتىن كېيىن قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى قۇX، تاX، گۇX، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى باXنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى ھX، قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋابكىرى تۇX قاتارلىقلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىدا ئۆز-ئارا كىلىشىپ كىلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلار تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى:

1. يازما ئىسپات:

1) ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى چىقارغان جاۋابكار تۇXنىڭ نوپۇس ئىسپاتى. بۇ جاۋبكارنىڭ 1986-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تولۇق جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا توشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چىقارغان زىيانلانغۇچىلارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى. بۇ ۋەقەدە زەخمىلەنگۈچى ناXنىڭ 1989-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى توغۇلغانلىقىنى، باXنىڭ 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى توغۇلغانلىقىنى، ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ئىXنىڭ 1987-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى توغۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

3) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى. بۇ ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى 110 قۇماندانلىق مەركىزىن خX ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى 110 دېلو مەلۇم قىلىش تىلفۇنى ئارقىلىق دېلو مەلۇم قىلىپ، قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ ساقچىلىرى نەخ مەيدانغا بىرىپ تەكشۈرۈش، گۇۋاھچىلاردىن ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق دېلو نىڭ پاش بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

4) ئاقتۇ ناھيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بارشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پىراۋا ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش قەغىزى. بۇ جاۋاپكارنىڭ تىرەكتۇر ھەيدەش پىراۋىسى يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

5) ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىنىڭ پىراۋا ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش قەغىزى ۋە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى. بۇ ۋەقەدە قازاقىلغۇچى ئىXنىڭ موتسىكىلىت ھەيدەش پىراۋىسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ۋەقە سادىر بولغاندا ھەيدىگەن موتسىكىلىتنىڭ رەسمىيىتى تولۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

6) ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى (2015)077-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى. بۇ جاۋاپكار تۇXنىڭ بۇ قاتناش ھادىسىسىدە ئاساسلىق جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئىX قوشۇمچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ھادىسىدە باX بىلەن ناXنىڭ جاۋاپكارلىقى يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

7) قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستىلق ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەتىرىتىنىڭ ق ج ق (2015) 22-نومۇرلۇق يول قاتنىشى ھادىسىسىنى بىكىتىش قارارىنى قايتا تەكشۈرۈشنى نەتىجىسى. بۇ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇX ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتى چىقارغان [2015] 77-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسە ئىتىراپ نامىسىگە قايىل بولماي قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستىلىق ج خ قاتناش ساقچى تارماق ئەتىرىتىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستىلىق ج خ قاتناش ساقچى تارماق ئەتىرىتى [2015] 77-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسە ئىتىراپ نامىسىنى كۈچكە ئىگە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

8) ئاقتۇ ناھيىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ چىقارغان تىرەكتۇرنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى. بۇ جاۋاپكار ۋەقە سادىر قىلغاندا ھەيدىگەن تىرەكتۇرنىڭ رەسمىيىتى تولۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى:

1) گۇۋاھچى قXنىڭ ج خ گەپ سوراش خاتىرىسىدىكى گۇۋاھلىقى. بۇ ئۆزىنىڭ ئۈچ چاقلىق موتسىكىلت بىلەن جاۋاپكار ھەيدىگەن تىرەكتۇرنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ سايباغ تەرەپكە مىڭىپ تۇرىشىغا تىرەكتۇرنىڭ ئارقىسغا ئۈچ ئادەم مىنگەن موتسىكىلىت سوقۇلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ .

2) گۇۋاھچى ناXنىڭ ج خ گەپ سوراش خاتىرىسىدىكى گۇۋاھلىقى. بۇ 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە ئىX ھەيدىگەن موتسىكىلىتگە باراتجان بىلەن ئۆزىنىڭ ئارقىسغا ئولتۇرۇپ تۇر كەنىتتىكى ئۆيىگە يولغا چىقىپ قوغۇنچى كەنىتتىكى كۆۋرۈككە كەلگەندە موتسىكىلىت بىر نەرسىگە سوقۇلۇپ موتسىكىلىتتىن يىقىلىپ چۈنشكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

3) گۇۋاھچى ئاXنىڭ سوتتىكى گۇۋاھلىقى. بۇ 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە ئۆزىنىڭ جاۋاپكار تۇXنىڭ ھاۋالىسى بىلەن 110 غا دېلو مەلۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

3. باھالاش پىكىرى

1) شىنجاڭ يول قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش مەركىزىنىڭ (2015) 586- 587-نومۇرلۇق ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش پىكىرى. بۇ قاتناش ھادىسىدە ئۆلگۈچى ئىX ۋە جاۋابكار تۇXنىڭ قىنىدا ئىسپىرىت تەركىۋى بايقالمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2) قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستىلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ (2015) 61-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرى جەسەت تەكشۈرۈش ئانالىز پىكىرى. بۇ ۋەقەدە ئۆلگۈچى ئىXنىڭ ھايات ۋاقتىدا باش قىسىمى سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ، مىڭە قىسمى زەخمىلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

3) شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2015) 2899-نومۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىنى تىخنىكىلىق باھالاش پىكىرى. بۇ ئىX ھادىسە يۈزبەرگەندە ھەيدىگە موتسىكىلىتنىڭ ھەر سائەتلىك تىزلىكى 51 كىلومىتىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

5. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى:

جاۋاپكار قىلمىشىغا تولۇق ئىقرار. جاۋاپكارنىڭ بۇ ئىقرارى دېلودىكى باشقا دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئۆز ئارا ماس كېلىدۇ.

7. ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى:

دېلودىكى نەخ مەيدان خەرىتىسى ۋە نەخ مەيداندىن تارتىلغان سۈرئەتلەرنى سوتتا جاۋاپكار كۆرۈپ دېلو سادىر بولغان نەخ مەيداننىڭ ئاقتۇ ناھىيە ناھىيە يېزا يولى x391-لىنىيە 11 كىلو مىتىر + 650 مىتىرلىق يول بۆلىكى ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلدى.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى گۇXنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى سوتتا ئۆز تەشۈببۇسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى:

1) ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى (2015)077-نومۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى. بۇ جاۋاپكار تۇXنىڭ بۇ قاتناش ھادىسىسىدا ئاساسلىق جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، ھادىسىدە قازا قىلغۇچى ئىX قوشۇمچە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ھادىسىدە باX بىلەن ناXنىڭ جاۋاپكارلىقى يوق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

(2) قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى گۈX، ئاX، ئاX، ئاX، قۇX، تاXلەرنىڭ نوپۇس ئىسپاتى. بۇ ئاXنىڭ 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغانلىقى، ئاXنىڭ 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغانلىقى، ئاXنىڭ 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغانلىقى، قۇXنىڭ 1967-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، تاXنىڭ 1967-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، گXنىڭ 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، يۇقارقىلارنىڭ ھەمىسىنىڭ يېزا نوپۇس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى باXنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى سوتتا ئۆز تەشۈببۇسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتتى:

1) بىر پارچە ئازاتلىق ئارمىيە دوختۇرخانىسىنىڭ بىر پارچە بالىنىستا يىتىش ھەق ئىلىش تالۇنى، ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بىر پارچە بالىنىستا يىتىش ھەق ئىلىش تالۇنى ۋە 25 پارچە تەكشۈرتۈش تالۇنى، بىر پارچە دىئاگۇنۇز ئىسپاتى، بىر پارچە ياتاقتىن چىقىش ئىسپاتى ۋە سەككىز بەت ھەق ئىلىش تەپسىلات تىزىملىكى. بۇ ئۆزىنىڭ قاتناش ۋەقەسى تۈپەيلى زەخمىلنىپ 44 كۈن دوختۇرخانىدا يىتىپ داۋالانغانلىقى، تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىنىش ئۈچۈن 115148.67 يۈەن چىقىم تارتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋاپكارنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا خىلاپ ھالدا پىراۋىسىز ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ قاتناش ھادىسسى چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت، يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن، ئىسپاتلاش كۈچى بىكىتىلگەن دەلىل-ئىسپات ۋە قانۇندىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا تەپتىش مەھكىمىسنىڭ جاۋاپكار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان شىكايىتىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ. جاۋاپكارنىڭ «مەن دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە بىلمەي تىرەكتۇر ھەيدەپ قاپتىمەن» دىگەن ئۆزىنى ئاقلاپ ئوتتۇرىغا قويغان ئاقلاش پىكىرىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. جاۋاپكارنىڭ ئاقلىغۇچىسىنىڭ «قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن جاۋاپكار نەخ مەيداندىن ئۆتۋاتقان ئاXغا ھاۋالە قىلىپ 110 غا دېلو مەلۇم قىلغان، شۇڭا جاۋاپكارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 67-ماددا 1-تارماقدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋاپكارغا يىنىك جازا بىرىشنى تەلەپ قىلىمىز، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيە ياخشى» دىگەن ئاقلاش پىكىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن جاۋاپكار نەخ مەيداندىن ئۆتۋاتقان ئاXغا ھاۋالە قىلىپ 110 غا تىلفۇن قىلغانلىقىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلدى دەپ بىكىتىشكە تىگىشلىك.

قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىدا، جاۋاپكار تۇX قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى گX، ئاX، ئاX، ئاX، قۇX، تاX، باXلار بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئۆز ئارا ئىختىيار قىلغان ئاساستا تۈزۈلگەن كېلىشىم، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-ماددىلارنىڭ بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا مەھكىمىمىز تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىندى.

مەجبۇرى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇپ زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغاندا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسىنىڭ خاتالىقى بارلىقىنى بىكىتىش قائىدىسىگە ئاساسەن ئەگەر ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى ۋەقە تۇغدۇرغۇچىنىڭ پىراۋىسى يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەشكە بەرسە، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا خاتالىقى بار دەپ قارىلىپ مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك. شۇڭا بۇ دېلودىكى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋاپكىرى تۇX ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا خاتالىقى بار دەپ قاراپ مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك ئىدى. لىكىن جاۋاپكار تۇX قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگەرلىرى بىلەن ئىقتىسادى تۆلەم جەھەتتە ئۆز ئارا كىلىشىم ھاسىل قىلىپ قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگەرلىرى تۇXنىڭ ھەقتەلەپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان بولغان، شۇڭا تۇXنىڭ ھەق تەلەپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى تارماق شىركىتىنىڭ پىراۋىسىز تىرەكتۇر ھەيدىسە سۇغۇرتا شىركىتى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى يول قاتناش ھادىسىسى زىيان تۆلىمى توغرىسىدىكى ئەدلىيلىك ئىزاھات»نىڭ 18-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، سۇغۇرتا شىركىتى مەجبۇرى سۇغۇرتا دائىرىسى ئىچىدە تۆلەم مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە، ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى، قوشۇمچە ھەق تەلەپ قىسمىدا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگەرلىرى بىلەن ئۆز ئارا كېلىشىپ ئۇلارنىڭ كەچۈرىشىگە ئېرىشكەنلىكى، جىنايىتىنى تونۇپ تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى قاتارلىق تەرەپلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ مۇۋاپىق جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى، 67-ماددا 1-تارمىقى، 36-ماددىسى، 72-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ ئومۇمى قائىدىسى» نىڭ 119-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھوقوققا چىقىلىش جاۋاپكارلىق قانۇنى»نىڭ 16-ماددىسى، 49-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 76-ماددىسى، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يول قاتناش زىيان تۆلەم دېلولىرىغا ئائىت ئەدىلىيەلىك ئىزاھات» نىڭ 18-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلدى:

1. جاۋاپكار تۇXنىڭ قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، جازاسى ئىككى يىل كىچىكتۈرۈلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ سىناش مۇدددىتى ھۆكۈم بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ.

2. جۇڭگو خەلق مال-مۈلۈك سۇغۇرتا پاي چەكلىك شىركىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى تارماق شىركىتى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولۇپ 10 كۈن ئىچىدە مەجبۇرى سۇغۇرتا تۆلەم دائىرىسى ئىچىدە 110000 يۈەننى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى گX، ئاX، ئاX، ئاX، قۇX، تاXلەرگە تۆلەپ بەرسۇن، 10000 يۈەننى قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاگىرى باXغا تۆلەپ بەرسۇن.

ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسگە نارازىلىق ئەرز بىرىشكە ھوقۇقلۇق (نارازىلىق ئەرز بەرگەندە ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسدىن ئىككى نۇسقا، كۆچۈرمىسدىن بىر نۇسقا جەمئى ئۈچ نۇسقا تاپشۇرۇشى شەرت).

باش سوتچى غەيرەت شەمشىدىن

سوتچى   خۇرشىدە ھەبىبۇللا

خەلق زاستاتىلى   نۇرىمانگۇل شىرئەلى

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى

پۈتۈكچى ئەكرەمجان دارمان

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿克陶县法院网
关闭窗口
地址:阿克陶县人民东路170号:   邮编:845550:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2