添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

رx نىڭ بىر پارچە ئوغۇرلۇق دېلوسى

1- سوت جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

2016-12-09 16:10:15


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

             [2016] ش 3022 ج د 52-نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋاپكار ر،Xئەر ، ئۇيغۇر، 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تۇغۇلغان،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئاقتۇ ناھىيە. ئىلگىرى ئىككى قىتم سوتلۇق بولغان. ئاخىرقى قىتىم 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرېلگەن. جاۋابكار ر Xبۇ قىتىم ئوغۇرلۇق جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن توختۇتۇلۇپ، 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئىلىغان.

ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ئەيىپلەش [2016] 42-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار رXنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن سوت ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ قانۇن بويىچە ئاددىي تەرتىپتە 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقتى. ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن تەپتىشلەردىن ئامانباي مەمەتتاسان، دىلىشات ھاكىملەر سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋاپكار ر Xسوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى. ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىنىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: جاۋاپكار ر Xبىرىنچى قىتىم: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 23:30 لەر ئەتراپىدا ئاقتۇ ناھىيىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاXنىڭ ئاقتۇ ناھىيە پوچتا بانكىسىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 3071 يۈەن قىممىتىدىكى قىزىل رەڭلىك، خوندا ماركىلىق، ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى ئوغۇرلاپ يىتىلەپ مىڭىپ، ئاقتۇ ناھىيە ئەلىشات ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە موتسېكلىتنى توختۇتۇپ قويۇپ تىلفۇن سۆزلەشكەن، سۆزلىشىپ بولغاندىن كىيىن ئوغۇرلاپ يىتىلەپ ئىلىپ كەلگەن موتسىكىلىتنى يىتىلەپ ماڭدىم دەپ ئويلاپ شۇ يەردە توختۇتۇپ قويغان شىياڭ Xنىڭ قارا رەڭلىك خوندا ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى يىتىلەپ مىڭىپ ئاقتۇ ناھىيە خەنزۇلار زاراتلىقىغا يوشۇرۇپ قويۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن، ئەتىسى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر ئۆزىنىڭ ئوغۇرلۇق قىلغان قىلىمىشىنى، ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا 1-كەنت ساقچى ئىشلار ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلغان، ئوغۇرلىغان موتسېكىلىت ئەسلىگە كەلگەن.

ئىككىنچى قىتىم: جاۋاپكار رX 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 17 لەر ئەتراپىدا، ئاقتۇ ناھىيىلىك سىXنىڭ ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسى شەھەر ساقچىخانىسىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 988 يۈەن قىممىتىدىكى فىڭسوۋ ماركىلىق ئۈچ چاقلىق كۆك رەڭلىك توكسېكىلىتىنى ئوغۇرلاپ يىتىلەپ مىڭىپ Xنىڭ ئىشىك ئالدىغا توختۇتۇپ قويۇپ كىتىپ قالغان، زىيانلانغۇچى شەھەر ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، ساقچىلار گۈۋاھچىلاردىن ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق جاۋاپكار توختۇتۇپ قويغان توكسېكىلىتىنى تىپىپ، جاۋاپكار توكسىكىلىتىنى توختۇتۇپ قويغان يەرگە ئالغىلى كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان، ئوغۇرلىغان توكسېكىلىت ئەسلىگە كەلگەن.

جاۋابكار رXنىڭ »يۇقارقى قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق جازا بىرىشىكە تىگىشلىك» دەپ مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن.

جاۋاپكار ر Xسوتتا تەپتىش مەھكىمىسىنڭ ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتىلگەن جىنايى قىلمىشىنى تولۇق ئىتىراپ قىلدى، ھەم « مەن ھاراق ئىچىپ قىلىپ مەسىتلىكتە يۇقارقى قىلىمىشنى سادىر قىلىپ قاپتىمەن » دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.

جاۋابكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى: 1) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەتىرىتىنىڭ چىقىرىپ بەرگەن جاۋابكارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛ 2) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەتىرىتىنىڭ دېلونىڭ پاش بولۇش توغرىسىدىكى ئىسپاتى؛ 3) ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2015) ئا ج د چىقىش 117-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى؛ 4) زىيانلانغۇچى شىياX، ئاX ۋە سXنىڭ سوراق خاتىرىسىدىكى بايانى؛ 5) گۇۋاھچى ئا، XئاXنىڭ بايانى؛ 6)جاۋابكار رXنىڭ سوراق خاتىرىسىدىكى ئىقرارى؛ 7) ئاقتۇ ناھىيلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باھالاش يەكۈنى ؛ 8)نەق مەيدان سۈرىتى ۋە نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋاپكار رXنىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت، يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن، ئىسپاتلاش كۈچى بىكىتىلگەن دەلىل-ئىسپات ۋە قانۇندىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا تەپتىش مەھكىمىسنىڭ دىلو پاكىتنى ۋە خارەكتىرنى بىكىتىشى توغرا، جاۋاپكار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان شىكايىتىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ. جاۋاپكار رXنىڭ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقى، ئىلگىرى ئىككى قىتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ زىينىنىڭ تولۇق ئەسلىگە كەلگەنلىكى، جىنايەت قىتىم سانى، جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيەسىنىڭ ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئىلىپ جاۋابكارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسى، 52-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

جاۋاپكار ر Xئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلدى، قوشۇمچە 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجىرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ. ئىجىرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان ۋاقىتنىڭ بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرىلىدۇ. يەنى جازا مۇددىتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بولىدۇ.

ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسگە نارازىلىق ئەرز بىرىشكە ھوقۇقلۇق (نارازىلىق ئەرز بەرگەندە ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسدىن ئىككى نۇسقا، كۆچۈرمىسدىن بىر نۇسقا جەمئى ئۈچ نۇسقا تاپشۇرۇشى شەرت).

سوتچى خۇرشىدە ھەبىبۇللا

2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى

پۈتۈكچى مامۇتقان مەمەتجان

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿克陶县法院网
关闭窗口
地址:阿克陶县人民东路170号:   邮编:845550:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2