添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

ئەx نىڭ بىر پارچە خەۋىپلىك ھەيدەش دېلوسى

1- سوت جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

2016-12-09 13:03:56


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار كىسىمنامىسى

        [2016] ش3022 ج د 14-نۇمۇرلۇق

            

ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋاپكار ئەX، ئەر، ئۇيغۇر، 1979-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇغۇلغان، ئالى تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ يىڭشەھەر ناھىيە. جاۋابكار ئەX خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.

ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ئەيىپلەش [2016] 25-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئەXنى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن سوت ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ قانۇن بويىچە كىڭەشمە سوت ئويۇشتۇرۇپ قاراپ چىقىش جەريانىدا ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزگە دېلونى قايتۇرۋىلىش ئالاقىسى سۇندى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلونى قايتۇرۋىلىش توغرىسىدىكى قارارى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىسىگە ئۇيغۇن بولغاچقا، دېلونى قايتۇرۋىلىش پىكىرىگە قوشۇلۇش كېرەك دەپ قاراپ، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى>نى ئىجىرا قىلىشقا ئائىت بەزى مەسلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە كىسىم قىلىندى:

ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جاۋابكار ئەXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسىنى قايتۇرۋىلىشىغا روخسەت قىلىندى.

ئەگەر بۇ كىسىمنامىگە قايىل بولمىسا كىسىمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسگە نارازىلىق ئەرز بىرىشكە ھوقۇقلۇق (نارازىلىق ئەرز بەرگەندە ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسدىن ئىككى نۇسقا، كۆچۈرمىسدىن بىر نۇسقا جەمئى ئۈچ نۇسقا تاپشۇرۇشى شەرت).

     

              باش سوتچى خۇرشىدە ھەبىبۇللا

      سوتچى  گۈلئەنبەر غۇلاجىدىن

       خەلق زاستاتىلى   ئايتۇرسۇن ئابلا

           2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى

            

                   پۈتۈكچى  مەمەتئىلى ئىزىز

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿克陶县法院网
关闭窗口
地址:阿克陶县人民东路170号:   邮编:845550:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2