ساx،مەxلارنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ئىلىپ -سىتىش دېلوسى 1- سوت جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى 2016-12-09 12:52:12
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ
جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى
[2016] ش 3022 ج د 39-نۇمۇرلۇق
ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
1-جاۋاپكار ساX، ئەر، قىرغىز، 1989-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋەيىسىگە ئىگە، كەسپى: چارۋىچى، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئاقتۇ ناھىيە ، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. جاۋاپكار ساX دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ئىلىپ-سىتىش جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.
2-جاۋاپكار مەX، ئەر، قىرغىز، 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان، ساۋاتسىز، كەسپى: چارۋىچى، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئاقتۇ ناھىيە ، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. جاۋاپكار ساX دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ئىلىپ-سىتىش جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.
ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ئەيىپلەش [2016] 30-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكارلارنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ئىلىپ-سىتىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن سوت ئىچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى قانۇن بويىچە ئادەتتىكى تەرتىپتە ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقتى. ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن تەپتىشلەردىن تۇرسۇنجان كۆرەش، دىلشات ھاكىملەر سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋاپكار ساX، مەXلەر سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى. ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىنىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.
تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلەيدۇ، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى 1-جاۋاپكار ساX ئاX(15 ياش) بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىرىپ توي خىتى ئالالمىغان، 2-جاۋاپكار مەX ئىنىسىغا توي خىتى ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن تXگە ‹‹ئىنىم توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ يىشى كىچىككەن، توي خىتى ئالالمىدى، سەن ئىلىپ بىرەلەمسەن›› دىگەن، تX مەXكە توي قىلماقچى بولغان قىز-يىگىتنىڭ كىتەرلىك ماتىرياللىرى ۋە 1000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تەييار قىلىشنى ئىيىتقان، جاۋاپكار مەX ئىنىسى ساXكە‹‹مىنىڭ بىر تونۇشۇم توي خىتى بىجىرىپ بىرەلەيدىكەن›› دىگەن، شۇنىڭ بىلەن 1-جاۋاپكار ساX كىرەكلىك ماتىرياللار ۋە 1500 يۈەن پۇلنى ئاكىسى 2-جاۋاپكار مەXكە بەرگەن، جاۋاپكار مەX ئىنىسى ساXتىن ئالغان ماتىريال ۋە پۇللارنى ئىلپ ئاقتۇ ناھىيىلىك يولۇچىلار بىككىتى ئالدىدا تۇراپ ئىX(ئۆلۈپ كەتكەن) قا بەرگەن، 1-جاۋاپكار بۇ ساختا توي خىتىنى ئالغاندىن كىيىن ئاX بىلەن مۇشۇ ساختا توي خىتى ئارقىلىق 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى توي قىلغان. جاۋاپكارلارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 280-ماددىسىدىكى بەلگىلىمسىگە ئاساسەن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ئىلىپ-سىتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز.
1-جاۋاپكار سوتتا تەپتىش مەھكىمىسىنڭ ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتىلگەن جىنايى قىلمىشنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنى ئاقلاش جەھەتتە: ‹‹ئاتا-ئانىمىز ياشىنىپ قالغان ئىدى، ئاكام ئىككىمىز جاۋاپكار بولۇپ قالدۇق، ئاتا-ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىغان ئادەم يوق ئىدى، شۇڭا سوت كىڭەشمىسىنىڭ مۇشۇ تەرەپلەرنى ئويلاشقان ئاساستا كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن›› دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.
2-جاۋاپكار سوتتا تەپتىش مەھكىمىسىنڭ ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتىلگەن جىنايى قىلمىشنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنى ئاقلاش جەھەتتە: ‹‹مەن ساۋاتسىزلىقىمدىن مۇشۇ جىنايەتنى سادىر قىلىپ قاپتىمەن، قىلىمىشمنى تونۇدۇم، سوتنىڭ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن›› دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.
سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە، 2012-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى 1-جاۋاپكار ساX ئا)X15 ياش) بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىرىپ توي خىتى ئالالمىغان، 2-جاۋاپكار مەX ئىنىسىغا توي خىتى ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن تXگە ‹‹ئىنىم توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ يىشى كىچىككەن، توي خىتى ئالالمىدى، سەن ئىلىپ بىرەلەمسەن›› دىگەن، تX مەXكە توي قىلماقچى بولغان قىز-يىگىتنىڭ كىتەرلىك ماتىرياللىرى ۋە 1000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تەييار قىلىشنى ئىيىتقان، جاۋاپكار مەX ئىنىسى ساXكە‹‹مىنىڭ بىر تونۇشۇم توي خىتى بىجىرىپ بىرەلەيدىكەن›› دىگەن، شۇنىڭ بىلەن 1-جاۋاپكار ساX كىرەكلىك ماتىرياللار ۋە 1500 يۈەن پۇلنى ئاكىسى 2-جاۋاپكار مەXكە بەرگەن، جاۋاپكار مەX ئىنىسى ساXتىن ئالغان ماتىريال ۋە پۇللارنى ئىلپ ئاقتۇ ناھىيىلىك يولۇچىلار بىككىتى ئالدىدا تۇراپ ئى)Xئۆلۈپ كەتكەن) قا بەرگەن، ت)Xئۆلۈپ كەتكەن) ساختا توي قىلىش گۇۋاھنامىسىنى ياسىتىپ ئەكەلگەندىن كىيىن 1-جاۋاپكار بۇ ساختا توي خىتى ئارقىلىق ئاX بىلەن مۇشۇ ساختا توي خىتى ئارقىلىق 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى توي قىلغانلىقى ئىنىقلاندى.
يۇقارقى پاكىتلارنى تۆۋەندىكىدەك ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
1. ماددىي ئىسپات
ج خ دېلوسى بىلەن بىرگە يوللانغان ئىككى دانە ساختا توي ختى-بۇ جاۋابكارلارنىڭ باشقىلارغا ياسىتىپ سېتىۋالغان ساختا توي خېتىنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
2. يازما ئىسپات.
1) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى جاۋابكارلارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى -بۇ جاۋابكار ساXنىڭ 1989-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تولۇق جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا توشقانلىقىنى، جاۋابكار مەXنىڭ 1984-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تولۇق جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا توشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
2) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى توغرىسىدىكى ئىسپاتى-بۇ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى قىزىلتاغ يېزىلىق ساقچىخانىدىن كاXنىڭ جىنايى ئىشلار چوڭ ئەتىرىتىگە تېلفۇن قىلىپ «ئاقتۇ ناھىيسىدىكى ساX ساختا توي خېتى ياسىتىپ توي قىپتۇ، تەكشۈرۈپ باقساڭلار» دىگەن دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ۋە رازۋىتكا قىلىش ئارقىلىق 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھناملىرىنى ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جاۋابكار ساXنى چاقىرتىپ سوراق قىلغاندا، جاۋابكار ساX ئۆزىنىڭ 2012-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى توي قىلىش يېشىغا يەتمىگەن ئاX بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ ئاكىسى مەXكە ساختا توي خېتى سېتىۋىلىش ئۈچۈن 1500 يۈەن پۇل بەرگەنلىكىنى، ئاكىسى ئارقىلىق ساختا توي خېتى ياسىتىپ سېتىۋىلىپ 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتراپىدا ئاX بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئىقىرار قىلغان. شۇنىڭ جاۋابكار مەXنى چاقىرتىپ سوراق قىلغاندا، جاۋابكار مەX ئۆزىنىڭ 2012-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۇكىسى ساX بىلەن توي قىلىش يېشىغا يەتمىگەن ئاXنىڭ تويىنى قىلىش ئۈچۈن باشقىلار ئارقىلىق ساختا توي خېتى ياسىتىپ سېتىۋىلىپ 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتراپىدا ئۇكىسى ساX بىلەن ئاX توينى قىلغانلىقىنى ئىقىرار قىلىپ دېلونىڭ پاش بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
3) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى تۇتۇپ قېلىش قارارى-بۇ ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جاۋابكارلار سېتىۋالغان ئىككى دانە ساختا توي خېتىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
4) ئاقتۇ ناھىيلىك خەل ئىشلار ئىدارىسى نىكاھ تىزىملاش ئورنىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ئىسپاتى-بۇ جاۋابكارلار سېتىۋالغان ئىككى دانە توي خېتىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى
1) گۇۋاھچى تXنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى گەپ سوراش خاتىرىسىدىكى گۇۋاھلىقى-بۇ گۇۋاھچىنىڭ توي خېتى بىجىرىشكە ياردەملەشكەنلىكىنى، بىجىرگەن توي خېتىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىدىن ھېچقانداق پايدا ئالمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
2) گۇۋاھچى ئاXنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى گەپ سوراش خاتىرىسىدىكى بايانى-بۇ ئۆزىنىڭ 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى توي خىتىنى كۆرگەندىن كېيىن جاۋابكار ساX بىلەن توي قىلغانلىقىنى، توي خېتىنىڭ ساختا توي خېتى ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى
1) جاۋابكار ساX ۋە مەXنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى سوراق خاتىرىسىكى ئىقرارى-بۇ جاۋابكارلارنىڭ ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىغا تولۇق ئىقرار بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكارلارنىڭ يالغان توي خىتى سىتىۋالغان قىلمىشىدىن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ئىلىپ-سىتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت، يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن، ئىسپاتلاش كۈچى بىكىتىلگەن دەلىل-ئىسپات ۋە قانۇندىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا تەپتىش مەھكىمىسنىڭ جاۋاپكارلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان شىكايىتىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ. جاۋاپكارلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ ئوتتۇرغا قويغان ئاقلاش پىكىرىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق قوللاشقا بولمايدۇ، جاۋاپكارلارنىڭ قىلمىشىنى تونۇش پوزىتسىيىسى ياخشى دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 280-ماددىسى ۋە 72-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:
1)1-جاۋاپكار ساXنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ئىلىپ-سىتىش جىنايىتى ئۈچۈن ئالتە ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلدى.
جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجىرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ. يەنى جازا مۇددىتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە بولىدۇ.
2)2-جاۋاپكار مەXنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىنى ئىلىپ-سىتىش جىنايىتى ئۈچۈن ئالتە ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلىپ جازاسى سەككىز ئاي كىچىكتۈرۈلدى.
جاۋاپكارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ھۆكۈم بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسگە نارازىلىق ئەرز بىرىشكە ھوقۇقلۇق (نارازىلىق ئەرز بەرگەندە ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسدىن ئىككى نۇسقا، كۆچۈرمىسدىن بىر نۇسقا جەمئى ئۈچ نۇسقا تاپشۇرۇشى شەرت).
باش سوتچى خۇرشىدە ھەبىبۇللا
سوتچى گۈلەمبەر غۇلاجىدىن
خەلق زاستاتىلى ئايتۇرسۇن ئابلا
2016 -يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
پۈتكۈچى مەمەتئىلى ئىزىز
|