添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

ئى x نىڭ بىر پارچە خەۋىپلىك ھەيدەش دېلوسى

1- سوت جىنايى ئەشلار ھۆكۈمنامىسى

2016-12-09 12:35:21


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

[2016] ش 3022 ج د 38-نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋاپكار ئى،Xئەر، ئۇيغۇر، 1984-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇغۇلغان، ساۋاتسىز، دىھقان، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شنىجاڭ كونا شەھەر ناھىيە ، جاۋابكار ئىمامقارى مەمەت خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاقتۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.

ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ئەيىپلەش [2016] 28-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئىXنى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن سوت ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ قانۇن بويىچە ئاددىي تەرتىپتە 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقتى. ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن تەپتىشلەردىن دىلىشات ھاكىم، دىليار تۇرغۇنلار سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋاپكار ئىXسوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى. ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىنىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: « 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 19:30لەردە جاۋاپكار ئىXيالغان نومۇر تاختىسى تاقالغان كۆك رەڭلىك سۈزۈكى ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ھەيدەپ ئاقتۇ ناھىيە چوڭ كۆۋرۈك ئالدىغا كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، مەسىت قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچكەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانسىغا ئىلىپ بېرىلىپ قان ئەۋرىشكىسى ئىلىنىپ تەكشۈرۈلگەن، تەكشۈرۈش نەتىجسىدە جاۋاپكار ئىXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قىندا 90.99 مىللىي گىرام ئىسپىرت ماددىسى بايقالغان. ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكار ئىXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەۋىپللىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق جازا بىرىشىكە تىگىشلىك» دەپ مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن.

جاۋاپكار ئىXسوتتا تەپتىش مەھكىمىسىنڭ ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتىلگەن جىنايى قىلمىشىنى ئىتىراپ قىلدى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش جەھەتتە :-‹‹مەن ئىلگىرى قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلىپ باقمىغان، بۇندىن كىيىن بۇنداق خاتالىق سادىر قىلمايمەن›› دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى، ھەم جاۋابكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى: (1) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى جاۋابكارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى ؛ (2) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى دېلونىڭ پاش بولۇش ئىسپاتى؛ (3) ئاقتۇ ناھىيىلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرىتىنىڭ 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى شوپۇرلۇق ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى جەدىۋىلى؛ (4) جاۋابكار ئىXنىڭ ج خ سوراق خاتىرىسىدىكى ئىقرارى؛ (5) قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاپ بىكىتىش ئورنىنىڭ [2015]657-نومۇرلۇق زەھەرلىك بويۇملارنى باھالاش دوكلاتى؛ (6) نەق مەيدان سۈرىتى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارىدى: جاۋاپكار ئىXدۆلىتىمىزنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت، يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن، ئىسپاتلاش كۈچى بىكىتىلگەن دەلىل-ئىسپات ۋە قانۇندىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا تەپتىش مەھكىمىسنىڭ دىلو پاكىتنى ۋە خارەكتىرنى بىكىتىشى توغرا، جاۋاپكار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان شىكايىتىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ. جاۋاپكار ئىXنىڭ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقى، قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش خەۋىپىنىڭ يوقلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئېلىپ جاۋابكارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى، 72-ماددىسى ۋە 52-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

جاۋاپكار ئىXخەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى ئۈچۈن ئىككى ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرىلىپ جازاسى ئالتە ئاي كىچىكتۈرۈلدى، قوشۇمچە 4000 يۈەن جەرىمان قويۇلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازاسىنى كىچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ھۆكۈم بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھىسابلىنىدۇ.

ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسگە نارازىلىق ئەرز بىرىشكە ھوقۇقلۇق (نارازىلىق ئەرز بەرگەندە ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسدىن ئىككى نۇسقا، كۆچۈرمىسدىن بىر نۇسقا جەمئى ئۈچ نۇسقا تاپشۇرۇشى شەرت).

     

              سوتچى خۇرشىدە ھەبىبۇللا

         2016-يىلى3-ئاينىڭ 31-كۈنى

              پۈتۈكچى مامۇتقان مەمەتجان

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿克陶县法院网
关闭窗口
地址:阿克陶县人民东路170号:   邮编:845550:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2