添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

ئىxنىڭ بىر پارچە زەھەر ئىلىپ -سىتىش دېلوسى

1- سوت جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

2016-12-09 12:25:26


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

[2016] ش3022 ج د 37-نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋاپكار ئىX، ئەر، ئۇيغۇر، 1982-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئاقتۇ ناھىيە ، جاۋاپكار ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.

جاۋاپكار زەھەر ئىلىپ-سىتىش جىنايىتىگە ئاساسەن 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى قانۇن بويىچە توختۇتۇلۇپ 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى قولغا ئىلىنغان.

ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ئەيىپلەش [2016] 27-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكارنى زەھەر ئىلىپ-سىتىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن.

مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن سوت ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ بىلەن 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقتى. ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن تەپتىشلەردىن دىلشات ھاكىم، دىليار تۇرغۇنلار سوتقا چىقىپ ئەيىپلىدى، جاۋاپكار ئىX سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىنىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلەيدۇ، جاۋاپكار ئىX 2016- يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 7 لەر ئەتراپىدا ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا 9-كەنىت 7-مەھەللىلىك نۇرئىلى تۇرغۇنغا ئىككى بولاق زەھەر (خىروئىن) نى 150 يۈەنگە ساتقان، شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 14:15 لەردە جاۋاپكار يەنە ئاقتۇ ناھىيە تىراكتور پونكىتى ئائىلىلىك قورۇسى ئالدىدىكى ماي يولىدا ئۆزىنىڭ ماشىنىسىدا مXغا ئۈچ بولاق 0.1306 گىرام زەھەر (خىروئىن) نى 300 يۈەنگە ساتقان، دەل شۇ ۋاقىتتا ساقچىلار كىلىپ قىلىپ جاۋاپكار ساتقان زەھەر (خىروئىن) ۋە زەھەر (خىروئىن) ساتقان 300 يۈەن پۇل بىلەن جاۋاپكارنىڭ يىنىنى ۋە جاۋاپكارنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ 0.6525 گىرام ئون سەككىز بولاق زەھەر (خىروئىن)نى تۇتۇپ قالغان. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاسىتلىق ج خ ئىداىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنىنىڭ [2016]40-نومۇرلۇق ماددى ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش پىكىرنامىسىدە ‹‹تەكشۈرۈشكە يوللىغان ئۈچ بولاق 0.1306 گىرام ئاق رەڭلىك گۇمانلىق ئۇنسىمان ماددا ۋە ئون سەككىز بولاق 0.6525 گىرام ئاق رەڭلىك گۇمانلىق ئۇنسىمان ماددا خىروئىن دەپ بىكىتىلدى›› دەپ تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى چىقارغان. ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 347-ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن زەھەر ئىلىپ-سىتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بەرسەڭلار.

يۇقارقى پاكىتلارغا قارىتا جاۋاپكار سوت ئىچىش جەريانىدا باشقىچە پىكىرىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزىنى ئاقلاش جەھەتتە پىكىر بايان قىلىپ ‹‹قىلمىشىمغا پۇشايمان قىلدىم››دەپ جاۋاپ بەردى.

ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكارنىڭ جىنايەتلىك ئىكەنلىكى توغرسىدا تۆۋەندىكى ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى.

1. ماددىي ئىسپات

1) ج خ دېلوسى بىلەن بىرگەن يوللانغان 300 يۈەن نەق پۇل-بۇ جاۋابكارنىڭ مەمتىمىن ئوبۇلعا 300 يۈەنگە زەھەر ساتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2. يازما ئىسپات.

1) جاۋابكارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى-بۇ جاۋبكارنىڭ 1982-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغانلىقىنى، جىنايەت ئۆتكۈزگەندە تولۇق جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا توشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەترىتىنىڭ دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى توغرىسىدىكى ئىسپاتى-بۇ جاۋاپكار ئىX چىتىشلىق بولغان زەھەر ئىلىپ-سېتىش دېلوسىنى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 12 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئاگىنىتنىڭ تىلفون قىلىپ «ئاقتۇ ناھىيە ئائىللىكلەر قوروسى ئالدىدىكى يول بويىدا ئىX زەھەر (خىرويىن) سىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ دېلو مەلۇم قىلىشى بىلەن ساقچىلارنىڭ دەرھال ھەركەتكە كىلىپ ئىXنى ئاقتۇ ناھىيە تىراكتور پونكىتى ئائىلىلىكلەر قوروسى ئالدىدىكى يول بويىدا زەھەر (خىرويىن) بىلەن قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە جاۋاپكارنىڭ يېنىدىن بىر بولاق زەھەر (خىروئىن) ۋە زەھەر (خىروئىن) ساتقان 300 يۈەن نەق پۇل، جاۋاپكارنىڭ تۇرالغۇسىدىن بىر پاي ئاياق ئىچىگە يوشۇرۇپ قويغان 17 قەغەز بولاق زەھەر (خىرويىن) نى تولۇق قولغا چۈشۈرىشى ئارقىلىق دېلونىڭ پاش بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

3) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەتىرىتىنىڭ ئىسپاتى-بۇ ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئىدارىسىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاسلىق ج خ ئىدارىسى زھەر چەكلەش تارماق ئەترىتىگە جەمئىي 0.7831 گىرام خىروئىننى تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

4) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەتىرىتىنىڭ ئاختۇرۇش خاتىرىسى-بۇ ئاقتۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ جاۋابكارنى ئاختۇرش جەريانىدا جاۋاپكارنىڭ يىنىدىن بىر بۇلاق زەھەر (خىرويىن) ۋە 300 يۈەن نەق پۇل، ئۆيىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا يۇشۇرۇپ قويغان 17 بۇلاق زەھەر بايقىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

5) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەترىتىنىڭ تۇتۇپ قېلىش قارارى ۋە تۇتۇپ قېلىنغان بويۇملار تىزىملىكى-بۇ جاۋابكاردىن ئون يەتتە بولاق زەھەر (خىرويىن) قەغەزگە تۆت چاسا قىلىپ ئورالغان ئاق رەڭلىك ئۇنسېمان تالقان، بىر بولاق زەھەر (خىرويىن) قەغەزگە تۆت چاسا قىلىپ ئورالغان ئاق رەڭلىك ئۇنسېمان تالقان، ئۈچ تال قىزىل رەڭلىك يۈز يۈەنلىك قەغەز پۇلى جەمئي 300 يۈەن، ئۈچ بولاق زەھەر (خىرويىن) قەغەزگە تۆت چاس قىلىپ ئورالغان ئاق رەڭلىك ئۇنسېمان تالقان خىروئىننى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

6) ئاقتۇ ناھىيلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ ئىسپاتى-بۇ جاۋابكارنىڭ يېنى ۋە ئۆيىدىن چىققان زەھەر (خىروئىن) نىڭ 18 قەغەز بولاق بولۇپ، ساپ ئېغىرلىقىنىڭ 0.6525 گىرام ئىكەنلىكىنى، ساتقان زەھەر (خىروئىن) نىڭ 3 قەغەز بولاق ساپ ئېغىرلىقىنىڭ 0.1306 گىرام ئىكەنلىكىنى، يۇقارقىلارنىڭ ئومۇمي ئېغىرلىقىنىڭ 0.7831 گىرام ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

7) ئاقتۇ ناھىيە ج خ ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي جازا قاراى ئىسپاتى-بۇ گۇۋاھچى نXنىڭ جاۋاپكار ئىXدىن سىتىۋالغان ئىككى بولاق زەھەر (خىرويىن) نى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 9:00 ئەتراپىدا ئاقتۇ ناھىيە پىلال يېزا 9-كەنت 7-مەھەللىدىكى ئۆيىدە ئىشپىرىس ئارقىلىق ئۆزى يالغۇز سول بىلىكىگە ئۇرۇپ بىر قىتىم زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن ئون بەشكۈنلۈك مەمۇرى توختۇتۇش جازاسى بىرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى

1). گۇۋاھچى مXنىڭ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى گەپ سوراش خاتىرىسىدىكى بايانى- گۇۋاھچى مەمتئمىن ئوبۇلنىڭ جاۋابكاردىن 300 يۈەنگە ئۈچ بولاق خىروئىن سېتىۋىلىش جەريانىدا ساقچىلار تەرىپىتىن تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

2) گۇۋاھچى نXنىڭ ج خ دىلوسىدىكى بايانى-بۇ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 7:00 لەر ئەتىراپىدا جاۋپكار ئىXدىن 150 يۈەنگە ئىككى بولاق زەھەر سىتىۋىلىپ بۇ زەھەرنى ئۆزىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ تۈگەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى

جاۋابكار ئىXنىڭ ج خ سوراق خاتىرىسىدىكى ئىقرارى-بۇ جاۋابكارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيىپلەشنامىدە بىكىتىلگەن قىلمىشىغا تولۇق ئىقرار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

5. باھالاش پىكىرى

1) قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش ئورنىنىڭ (2016) 40-نۇمۇرلۇق ماددىي ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى-بۇ جاۋابكاردىن تۇتۇپ قىلىنغان 18 قەغەز بولاق ساپ ئېغىرلىقى 0.6525 گىرام، ساتقان ئۈچ دانە قەغەز بولاق ساپ ئېغىرلىقى 0.1306 گىرام ، ئومۇمي ئېغىرلىقى 0.7831 گىرام ماددىنىڭ تەركىۋىدە خىرۇئىن تەركىۋىنىڭ بايقالغانلىقىنى ھەم خىرۇئىن دەپ بىكىتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەتىرىتىنىڭ ئىسپاتى-بۇ جاۋاپكار ئىXنىڭ زەھەر چەككەنلىكىگە قارىتا سۈيدۈك تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىلىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

6. نەق مەيدان تەكشۈرۈش، تونۇتۇش خاتىرىسى

نەق مەيدان خەرىتىسى، نەق مەيدان سۈرىتى-بۇ جىنايەت سادىر قىلغان نەق مەيداننىڭ ۋە زەھەرنى يوشۇرۇپ قويغان نەق مەيدىننىڭ شۇ ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋاپكارنىڭ زەھەر ئىلىپ-ساتقان قىلمىشىدىن زەھەر ئىلىپ-سىتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت، يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن، ئىسپاتلاش كۈچى بىكىتىلگەن دەلىل-ئىسپاتلار ۋە قانۇندىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا تەپتىش مەھكىمىسنىڭ جاۋاپكار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان شىكايىتىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددىسى، 64-ماددىسى، 52-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

جاۋاپكار ئىXنىڭ زەھەر ئىلىپ-سىتىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلدى، قوشۇمچە 1000 يۈەن شىتىراف قويۇلدى.

جاۋاپكار زەھەر ساتقان ئۈچ يۈز يۈەن پۇل مۇسادىرە قىلىندى.

جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجىرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ. ئىجىرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان ۋاقىتنىڭ بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرىلىدۇ. يەنى جازا مۇددىتى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە بولىدۇ.

ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسگە نارازىلىق ئەرز بىرىشكە ھوقوقلۇق. (نارازىلىق ئەرز بەرگەندە ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسدىن ئىككى نۇسقا، كۆچۈرمىسدىن ئۈچ نۇسقا جەمئى بەش نۇسقا تاپشۇرۇشى شەرت).

 سوتچى خۇرشىدە ھەبىبۇللا

2016-يىلى3-ئاينىڭ31 -كۈنى

        پۈتكۈچى مامۇتقان مەمەتقان

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿克陶县法院网
关闭窗口
地址:阿克陶县人民东路170号:   邮编:845550:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2