添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

ئەx نىڭ جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋىلىش ،خىيانات قىلىش دېلوسى

1- سوت جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

2016-12-09 12:18:48


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

[2016] ش 3022 ج د 35-نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋاپكار ئەX، ئەر، ئۇيغۇر، 1972-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋەيىسىگە ئىگە، پارتىيە ئەزاسى، ئاقتۇ ناھىيە. يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئاقتۇ ناھىيە قارا كېچىك يېزا 4-كەنت 2-مەھەللە. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان.

جاۋاپكار ئەX جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋىلىش، خىيانەتچىلىك جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى توختۇتۇلۇپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاسىتلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى قولغا ئىلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارىغا ئاساسەن 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.

ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ئەيىپلەش [2016] 24-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكارنى جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋىلىش، خىيانەتچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن سوت ئىچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى قانۇن بويىچە ئادەتتىكى تەرتىپتە ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقتى. ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن تەپتىشلەردىن ئەسقەرجان تۆمۈر دىليار تۇرغۇنلار سوتقا چىقىپ ئەيىپلەشنى قوللىدى. جاۋاپكار ئەX سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى. ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىنىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

تەپتىش مەھكىمىسى: جاۋاپكار ئەX 2013-يىلدىن 2015-يىلىغىچە ئاقتۇ ناھىيە قارا كېچىك يېزا 4-كەنىتنىڭ كەنت سىكىرتارى، كەنت مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ قارا كېچىك يېزا 4-كەنىتتىكى 37 نەپەر دىھقاننىڭ 161000 يۈەن ئەمىن ئۆي رەنە پۇلىنى يىغىپ، يېزىلىق ئەمىن ئۆي ئىشخانىسىغا تاپشۇرماي، ئۆز ئالدىغا ئۆزىنىڭ ئۆي ياساش ئىشلىرىغا ۋە باشقا شەخسى ئىشلىرىغا يۆتكەپ ئىشلەتكەن(مۇددىتى ئۈچ ئايدىن يۇقىرى)، جاۋاپكار بۇ پۇللارنى يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىىتىغا 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تۆت قىتىمدا تاپشۇرغان.

جاۋاپكار ئەX 2013-يىلى 3-ئايدا، 4-كەنىتتىكى مازار يولى ۋە ساس يولىنى ياساشنى باھانە قىلىپ 4-كەنت ساس يولى بويىدىكى 15 مو يەرنى يول ياسىغانلارغا تۈزلەتكۈزۈپ يول ياسىغۇچى ئىX نامىدا يالغان توختام ياساپ چىقىپ يېزىلىق ئىگىلىك پونكىتىدىن ئىX ئارقىلىق 2014-يىلى 5-ئايدا 5500 يۈەن پۇلنى چىقىم قىلىپ ئىلىپ چىقىپ، ساس يولى بويىدىكى شەخسى ئىتىز يىرىنى تۈزلىگەنلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۆلىگەن، جاۋاپكار ئەX خىيانەت قىلغان 5500 يۈەن ئەسلىگە كەلمىگەن.

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 382-، 383-، 384-ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن خىيانەتچىلىك، جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىزدەپ ئەيىبلىدى.

 جاۋاپكار سوتتا تەپتىش مەھكىمىسىنڭ ئەيىپلەشنامىسىدا بىكىتىلگەن جىنايى قىلمىشنى ئىتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنى ئاقلاش جەھەتتە: ‹‹ئەيىبلەشنامىدە بىكىتىلگەن 5500 يۈەن پۇلغا مەن خىيانەت قىلمىغان، بۇ پۇلنى چىقىم قىلىدىغان ۋاقىتتا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرى بار ئىدى، ئەمما مەن بۇ پۇلنى ھازىرغىچە يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ھىسابلىشىپ بولالمىدىم، ئەيىبلەشنامىدە بىكىتىلگەن جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋىلىش قىلمىشىغا قارىتا يۇقارقى پۇلنىڭ مەندە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغانلىقى راس، بۇ قىلمىشىمغا قارىتا باشقىچە پىكىرىم يوق، ئىتىراپ قىلىمەن، مەن قىلمىشىمنى تونۇدۇم ھەم پۇشايمان قىلدىم، مەن خەلق ئۈچۈن 22 يىل خىزمەت قىلغان، بۈگۈنگە كەلگەندە ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ئاساستا جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قاپتىمەن، سوتنىڭ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى سورايمەن ›› دەپ ئۆزىنى ئاقلىدى.

  سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە، جاۋاپكار ئەX 2013-يىلدىن 2015-يىلىغىچە ئاقتۇ ناھىيە قارا كېچىك يېزا 4-كەنىتنىڭ كەنت سىكىرتارى، كەنت مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ قارا كېچىك يېزا 4-كەنىتتىكى 37 نەپەر دىھقاننىڭ 161000 يۈەن ئەمىن ئۆي رەنە پۇلىنى يىغىپ، يېزىلىق ئەمىن ئۆي ئىشخانىسىغا تاپشۇرماي، ئۆز ئالدىغا ئۆزىنىڭ ئۆي ياساش ئىشلىرىغا ۋە باشقا شەخسى ئىشلىرىغا يۆتكەپ ئىشلەتكەن(مۇددىتى ئۈچ ئايدىن يۇقىرى)، جاۋاپكار بۇ پۇللارنى يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىىتىغا 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تۆت قىتىمدا تاپشۇرغان.

جاۋاپكار ئەX 2013-يىلى 3-ئايدا، 4-كەنىتتىكى مازار يولى ۋە ساس يولىنى ياساشنى باھانە قىلىپ 4-كەنت ساس يولى بويىدىكى 15 مو يەرنى يول ياسىغانلارغا تۈزلەتكۈزۈپ يول ياسىغۇچى ئىX نامىدا يالغان توختام ياساپ چىقىپ يېزىلىق ئىگىلىك پونكىتىدىن ئىX ئارقىلىق 2014-يىلى 5-ئايدا 5500 يۈەن پۇلنى چىقىم قىلىپ ئىلىپ چىقىپ، ساس يولى بويىدىكى شەخسى ئىتىز يىرىنى تۈزلىگەنلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۆلىگەن، جاۋاپكار ئەX خىيانەت قىلغان 5500 يۈەن ئەسلىگە كەلمىگەن.

ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلى تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 382-، 383-، 384-ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن خىيانەتچىلىك، جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە مۇۋاپىق جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز دەپ مەھكىمىمىزگە جاۋاپكار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلىقى ئىنىقلاندى.

يۇقارقى پاكىتلارنى تۆۋەندىكىدەك دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

جاۋاپكارنىڭ خىيانەتچىلىك قىلمىشىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلاردىن:

1.يازما ئىسپات:

1)قاراكچىك يىزا 4-كەنىتنىڭ 2014-يلى 3-ئاينىڭ 15-كۇنى ئىسمايل روزى بلەن تۇزگەن توختام-بۇ 4-كەنت ( قوشدۆۋى) 1-مەھەللە تەۋەسىدىكى 500 مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مازار يولنى ياساش ئۈچۈن 5500 يۈەنگە توختام تۈزگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

2)قارا كىچىك يىزا 4-كەنىتنىڭ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى دوكلاتى-بۇ قارا كېچىك يىزا 4-كەنت 1-مەھەللىدىكى مازار يولنى ياساش ئۈچۈن 5500 يۈەن چىقىم قىلغانلىقىنى، يىزا رەھبەرلىرنىڭ كەنت ماليەسىدىن چىقىم قىلىپ بىرىش توغرىسدىكى دوكلاتى ئىكەنلكنى ئىسپاتلايدۇ.

3) يول ياساشقا كەتكەن چىقىمنى تەستىقلتىش جەدىۋىلى ۋە تالۇنى-بۇ جاۋاپكارنىڭ يىزىلىق مالىيە پونكىتىدىن يول ياساش نامى ئارقىلىق 5500 يۈەننى چىقىم قىلىپ ئالغانلقنى ئىسپاتلايدۇ.

4) قارا كېچىك يىزا 4-كەنىت (قوشدۆۋ) كەنىتنىڭ ئىسپاتى-بۇ قارا كېچىك يىزا 4-كەنىت 2-مەھەللە ساس يول بويدا ئەXنىڭ 15 مو يىرىنىڭ بار ئىكەنلكنى ئىسپاتلايدۇ.

2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى

1) گۇۋاھچى ئىX گۇۋاھلىقى- گۇۋاھچى 2013-يىلى 3-ئايدا ئۆزى، جىلىل جورا، توختىقارى مەمەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، قارا كېچىك يىزا 4-كەنىتنىڭ مازار يولى، ساس يولىنى 3800 يۈەنگە ياسىغانلىقنى، مۇشۇ جەرياندا ئەXنىڭ 15 مو يىرىنى 5000 يۈەنگە تۈزلەپ، 3800 يۈەننى ئالغانلقنى، قالغان 5000 يۈەن پۇلغا ئەXنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن تالۇن ئىلىش ئۇچۇن 500 يۈەن بىلەن تالۇن ئىلىپ، مۇناسۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ تەستىقى بىلەن 5500 يۈەن پۇلنى بانكىدىن ئالغانلىقنى بايان قىلىدۇ.

2) گۇۋاھچى جىXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈندىكى گۇۋاھلقى-گۇۋاھچى 2013-يىلى 3-ئايدا ئۆزى، ئىX، توXلەر بىلەن بىرلىشىپ، قارا كېچىك يىزا 4-كەنىتنىڭ مازار يولى، ساس يولىنى ياساپ 2100 يۈەن، ئەXنىڭ 15 مو يىرىنى تۈزلەپ 3750 يۇەن ئالغانلقنى بايان قىلدۇ.

3) ھXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈندىكى گۇۋاھلىقى-گۇۋاھچى قاراكېچىك يىزا 4-كەنىت 1-مەھەللدىكى مازار يولنى ياساش ئۈچۈن چىقىم قلغان 5500 يۈەنىلىك چىقىم تالۇنىنى تەستىقلاپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدۇ.

4) مXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈندىكى گۇۋالقى-گۇۋاھچى 2013-يىلى 8-ئايدا ئۇكىسى تىXنىڭ نامىدا قاراكېچىك يىزا 4-كەنت 1-مەھەلدىكى مازارلىق يولنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن 5000 يۈەن ئىئانە قىلىپ كەنت سىكرتارى ئەXغا بەرگەنلكنى بايان قىلدۇ.

5) تXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈندىكى گۇۋاھلقى-گۇۋاھچى 2013-يىلى 8-ئايدا قارا كېچىك يېزا 4-كەنت 1-مەھەلدىكى مازارلىق يولنى ياسلىش ئۈچۈن 300 يۇەن ئىئانە قىلىپ كەنت سىكىرتارى ئەXغا بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

6) قXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈندىكى گۇۋاھلقى-گۇۋاھچى 2013-يىلى 8-ئايدا قارا كېچىك يىزا 4-كەنت 1-مەھەللىدىكى مازارلىق يولىنىڭ ياسلىشى ئۈچۈن 100 يۈەن ئىئانە قىلىپ كەنت سىكىرتارى ئەXغا بەرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

3.جاۋاپكارنىڭ ئىقىرارى

جاۋابكار ئەXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈندىكى سوراق قىلىش خاتىرىسدىكى ئىقرارى- جاۋابكار ئۆزنىڭ قاراكېچىك يىزا 4-كەنت 1-مەھەللىدىكى ئىككى يولنى ياساش جەرياندا 20 مو يەرنى ئىشنى ھۆددە ئالغۇچىغا تۈزلەتكۈزۈپ يىزىلىق ئىگىلىك پونكىتىدىن 5500 يۈەننى ئىسمايىل روزى ئىلىپ چىقىپ، خىيانەت قىلغانلقنى تولۇق ئىقرار قىلدۇ .

جاۋاپكارنىڭ جامائەت پۇلنى ئىشلىتۋىلىش جىنايى قلىمشنى ئسپاتلايدىغان دەلل ئسپاتلار :

1.يازما ئىسپات.

1) مXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 4000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق، يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ئىشخانىسغا تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

2) ئاXتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى12-ئاينىڭ 15- كۇنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق، يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ئىشخانىسغا تاپشۇرغانلقنى ئىسپاتلايدۇ.

3) ئاXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 27- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق، يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ئىشخانىسىغا تاپشۇرغانلقنى ئىسپاتلايدۇ.

4) ئاXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 4- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ، يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ئىشخانىسىغا تاپشۇرغانلقنى ئىسپاتلايدۇ.

5) ماXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ، يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرلۇش ئىشخانسغا تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

6) ئاXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى10-ئاينىڭ 29- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

7) ھXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرىغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى11-ئاينىڭ 5- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلقنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ئىشخانىسغا تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

8) قXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 7- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقلىق يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرلۇش ئىشخانىسغا تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

9) ئاXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى11-ئاينىڭ 18- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلقنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرلۇش ئىشخانىسىغا تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

10) مXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى10-ئاينىڭ 20- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق، يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرلۇش ئىشخانسغا تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

11) مXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى11-ئاينىڭ 7- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق، يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرلۇش ئىشخانىسىغا تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

12) ئەXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى11-ئاينىڭ 12- كۇنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ، يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرلۇش ئىشخانىسىغا تاپشۇرغانلقنى ئىسپاتلايدۇ.

13) قXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى8-ئاينىڭ 7- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

14) مXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2013-يىلى10-ئاينىڭ 26- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلقنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق بۇ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلقنى ئىسپاتلايدۇ.

15) مXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2013-يىلى11-ئاينىڭ 26- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرىغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق بۇ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

16) رXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى10-ئاينىڭ 28- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقنى ئىسپاتلايدۇ.

17) خXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ ئۆزى ۋە ئىنىسى مەمەتتۇرسۇن سۇلايماننىڭ ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ئۈچۈن 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 5- كۈنى ئەXغا 10000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق 5000 يۈەننى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ئىنىسى مەمەتتۇرسۇن سۇلايماننىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 5000 يۈەننى يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئىشخانىسغا تاپشۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

18) ئاXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى11-ئاينىڭ 3- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXنىڭ بانكا كارتىسىغا 5000 يۈەن رەنە پۇلى سىلىپ بەرگەنلىكىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

19) پXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى11-ئاينىڭ 11- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 2900 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

20) كXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى11-ئاينىڭ 14- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۇچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

21) رXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى11-ئاينىڭ 18- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

22) ئاXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ ئىنىسى مىرادىل ياقۇپنىڭ نامىدا 2014-يىلى11-ئاينىڭ 25- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلقنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

23) ئاXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى12-ئاينىڭ 22- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

24) تXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى12-ئاينىڭ 29- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

25) رXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى12-ئاينىڭ 29- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

26) ئاXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2015-يىلى1 -ئاينىڭ 7- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

27) زXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2013-يىلى2-ئاينىڭ 21- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 2000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

28) تXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2013 –يىلى 5-ئاينىڭ 9- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 2000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلقنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

29) مXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2013-يىلى3-ئاينىڭ 15- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 2000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

30) ئەXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ئۇچۇن ئەXغا 5000 يۇەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، ئەXدىن 4000 يۈەننى ئىلىپ قالغان 1000 يۈەننى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۇنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

31) تXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى10-ئاينىڭ 28- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

32) ئىXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى10-ئاينىڭ 29- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۇنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

33) قXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرىغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى10-ئاينىڭ 24- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلدىن 1000 يۈەننى تاپشۇرۇپ ئىلىپ قالغان 4000 يۈەننى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

34) پXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014-يىلى5-ئاينىڭ 26- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، ئەXدىن 2800 يۈەننى ئىلىپ قالغان 2200 يۈەننى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

35) ئوXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2015-يىلى1 -ئاينىڭ 16- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

36) بXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل تاپشۇرغانلىق ۋە تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئىسپاتى-بۇ 2014- يىلى 11-ئاينىڭ 25- كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق ئالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

گۇۋاھچلارنىڭ گۇۋاھلىقى:

1) گۇۋاھچى مXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى-گۇۋاھچى 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 4000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى4-ئاينىڭ 27-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق بۇ پۇلنى تاپشۇرىۋىلىپ يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تايىر مەمەتكە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

2) ئاXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى - 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق بۇ پۇلنى تاپشۇرىۋىلىپ يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تايىر مەمەتكە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

3) ئاXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۇندىكى گۇۋالىق سۆزى- 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق بۇ پۇلنى تاپشۇرىۋىلىپ يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تاXكە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

4) ئاXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئەمىن ئۆي قۇرلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا ئىككى قىتمدا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى4-ئاينىڭ 16-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق بۇ پۇلنى تاپشۇرىۋىلىپ يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تاXكە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

5) ماXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۇندىكى گۇۋالىق سۆزى- 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 2000 يۈەن، 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 3000 رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى4-ئاينىڭ 27-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق بۇ پۇلنى تاپشۇرىۋىلىپ يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تاXكە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

6) ئاXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى - 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ .

7) مX بىلەن خXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۇندىكى گۇۋاھلىق سوزى- مX، خX ئاكا-ئۇكا ئىككىسى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 10000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق 5000 يۈەننى تاپشۇرىۋىلىپ، 5000 يۈەننى مXنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل ئۈچۈن يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تاXكە تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

8)ھXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تاXكە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

9)قXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 11-ئايدا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى،2015-يىلى4-ئاينىڭ 27-كۈنى بۇ پۇلنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تاXكە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

10)ئاXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى،2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تاXكە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

11)مXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنىت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تاXكە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

12)مXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرىغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋىلىپ، يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تاXكە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

13) ئەXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى،2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق يىزىلىق ھۆكۈمەت كادىرى تايىر مەمەتكە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

14)قXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرىغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

15) قXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

16) مXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

17) رXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

18) شXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- ئاكىسى ئابدۇكىرىم ئابلەز 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن5000 يۈەن رەنە پۇل كەنت سىكرىتارى ئەXنىڭ بانكا كارتىسغا سىلىپ بەرگەن، بۇ پۇلنى 2015 –يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

19) پXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 2900 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى2015-يىلى4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلقنى بايان قىلىدۇ.

20)كXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۇندىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

21)رXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

22)ئاXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، ئەX يىزىپ بەرگەن ئاساسقا ئىنىسى مXنىڭ ئىسمنىڭ يىزىلغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ..

23)بXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

24) ئاXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

25)تXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- ئوغلى ياXنىڭ نامىدا 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلقنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

26)رXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈندىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2015-يىلى 2-ئاينىڭ باشلىرى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

27)ئاXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

28) ئوXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

29)زXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 2000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

30) ئەXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۇندىكى گۇۋالىق سۆزى- 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۇنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 2000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلقنى بايان قىلىدۇ.

31) مXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۇندىكى گۇۋالىق سۆزى- 2013-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 2000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

32) ئەXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلدىن ئەXدىن 4000 يۈەننى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، قالغان 1000 يۈەننى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

33) رXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- قىيىن ئىنىسى تۇرسۇنجان دولقۇن 2013-يىلى 12-ئايدا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

34) ئىXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلنى 2015-يىلى4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

35) قXنىڭ 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلدىن 1000 يۈەن تاپشۇرۇپ ئىلىپ، قالغان 4000 يۈەننى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

36) پXنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى- 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەنت سىكىرتارى ئەXغا 5000 يۈەن رەنە پۇل تاپشۇرغانلىقىنى، بۇ پۇلدىن ئەXدىن 2200 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، قالغان 2800 يۈەن پۇلنى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى يىزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى ئارقىلىق تاپشۇرىۋالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

جاۋابكارنىڭ ئىقرارى

جاۋاپكارنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، 19-كۈنىدىكى سوراق خاتىرىسدىكى ئىقىرارى- 2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە ئاقتۇ ناھىيە قاراكېچىك يىزا 4-كەنىتنىڭ سىكىرتارلىق ۋەزىپىسنى ئۆتەش جەريانىدا، كەنىتتە ئەمىن ئۆي سالىدىغان دىھقانلارنىڭ ئالدىن تاپشۇرغان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى رەنە پۇلنى يىزىلىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ئىشخانىسىغا تاپشۇرماي پۇلنى يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكىنى تولۇق ئىقرار قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكارنىڭ جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋالغان قىلمىشىدىن جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلىگەن جاۋاپكارنىڭ خىيانەتچىلىك قىلمىشىغا نىسبەتەن مەھكىمىمىز سوت قىلىشتىن ئىلگىرى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ‹‹خىيانەتچىلىك، پارخورلۇق جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بىجىرىشتە قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر توغۇرسىدىكى ئىزاھاتى›› نى ئوتتۇرغا قويۇپ خىيانەتچىلىق قىلمىشىنىڭ دىلو سادىر قىلىش سوممىسى ئۈستىدە ئىنىق بەلگىلىمە يولغا قويۇلدى. شۇڭا بۇ بەلگىلىمە بويىچە جاۋاپكار ئەXنىڭ خىيانەتچىلىك قىلىش قىلمىشى ئەيىبلىگەن جىنايەتكە توشمايدۇ دەپ بىكىتىشكە تىگىشلىك، شۇڭا جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن خىيانەتچىلىك جىنايىتى شەكىللەنمەيدۇ. سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت، يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن، ئىسپاتلاش كۈچى بىكىتىلگەن دەلىل-ئىسپات ۋە قانۇندىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا تەپتىش مەھكىمىسنىڭ جاۋاپكار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋىلىش جىنايى قىلمىشى توغۇرسىدىكى شىكايىتىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ. جاۋاپكارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ ئوتتۇرغا قويغان ئاقلاش پىكىرىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى يوق قوللاشقا بولمايدۇ، جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە جاۋاپكارنىڭ زاڭنى تولۇق قايتۇرغانلىق، جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىك تەرەپلىرىنى نەزەرگە ئىلىپ مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 384- ماددىسى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ‹‹خىيانەتچىلىك، پارخورلۇق جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بىجىرىشتە قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر توغۇرسىدىكى ئىزاھاتى››نىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

1) جاۋاپكار ئەXنىڭ جامائەت پۇلىنى ئىشلىتىۋىلىش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى.

جاۋاپكارنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۈم بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ. ھۆكۈم ئىجىرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى قاماپ تۇرۇلغان ۋاقىتنىڭ بىر كۈنى جازا مۇددىتىنىڭ بىر كۈنىگە سۇندۇرىلىدۇ. يەنى جازا مۇددىتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولىدۇ. (جاۋاپكار كىپىللىككە بىرىلىشتىن ئىلگىرى قاماپ قويۇلغان 11 كۈن جازا مۇددىتىدىن چىقىرۋىتىلدى)

ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسگە نارازىلىق ئەرز بىرىشكە ھوقۇقلۇق (نارازىلىق ئەرز بەرگەندە ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسدىن ئىككى نۇسقا، كۆچۈرمىسدىن بىر نۇسقا جەمئى ئۈچ نۇسقا تاپشۇرۇشى شەرت).

           باش سوتچى   رىزىۋانگۈل ئىسمايىل

              سوتچى   خۇرشىدە ھەبىبۇللا

         خەلق زاستاتىلى   ئايتۇرسۇن ئابلا

   2016 -يىلى 5-ئاينىڭ  24-كۈنى

            پۈتكۈچى    مەمەتئىلى ئىزىز

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿克陶县法院网
关闭窗口
地址:阿克陶县人民东路170号:   邮编:845550:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2