添加收藏 | 设为首页
法院概况 | 新闻中心 | 法学思想 | 法官风采 | 法苑文化 | 裁判文书 | 普法天地 | 专题报道 | 开庭公告 | 法律法规
  当前位置:维文裁判文书

يۈxنىڭ بىر پارچە زەھەر ياساش دېلوسى

1- سوت جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

2016-12-09 12:05:12


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ

جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى

         [2016] ش3022 ج د 33-نۇمۇرلۇق

ئەيىپلىگۈچى ئورگان ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

جاۋاپكار يۈX، ئەر، ئۇيغۇر، 1979-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، يۇرتى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: ئاقتۇ ناھىيە ، جاۋاپكار ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى زەھەر ياساش جىنايىتىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.

ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئا ت ئەيىپلەش [2016] 25-نومۇرلۇق ئەيىپلەشنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكارنى زەھەر ياساش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ شىكايەت قىلىپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزگە ئەيىپلىگەن.

مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن سوت ئېچىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ قانۇن بويىچە ئاددى تەرتىپ بىلەن 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئوچۇق سوتتا قاراپ چىقتى. ئاقتۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن تەپتىشلەردىن تۇرسۇنجان كۆرەش، دىلشات ھاكىملار سوتقا چىقىپ ئەيىپلىدى، جاۋاپكار يۈX سوتقا كىلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ھازىر بۇ دېلو سوت قىلىنىپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.

تەپتىش مەھكىمىسى: جاۋاپكار يۈ X2015-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆزى زەھەر چىكىش مەقسىتىدە مەخسىتىدە جامالتىرەك يېزا 4-كەنت 6-مەھەللىدىكى ئۆيىنىڭ ئارقىسىغا تۆت تۈپ كەندىر تىرىپ 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆيىگە ئەكىلىپ قۇرۇتقان، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى كەندىرلەرنى يۇمشۇتۇپ تاسقاپ نىشە ياساپ چىكىپ نىشە، ئەلگەك ۋە ئىچىملىك بوتۇلكىسىدىن ياسالغان غاڭزا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئامبارغا يوشۇرۇپ قويغان. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ساقچىلار كىلىپ جاۋاپكار يۈXدىن زەھەر بار يوقلىقىنى سورىغاندا جاۋاپكار يۈX ئاكىتىپلىق بىلەن ماسلىشىپ ئامبار ئۆيگە تىقىپ قويغان نەشىنى ئەلگەك ۋە ئىچىملىك بوتۇلكىسىدىن ياسالغان غاڭزا قاتارلىق نەرسىلەرنى ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش ئورنى [2016] 23-نومۇرلۇق ماددى ئىسپاتلارنى باھالاش پىكىرنامىسىدە يېشىل رەڭلىك ئۇۋۋاق ھالەتتىكى ماددىنىڭ ساپ ئىغىرلىقى 101 گىرام ۋە ئۈچ بولاق كۆك رەڭلىك ساپ ئىغىرلىقى 1724 گىرام گۇمانلىق ماددىنىڭ ئىچىدە نەشە تەركىۋى تەكشۈرۈپ ئىنىقلىنىپ زەھەر (نەشە) دەپ باھالىغان، ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 347-ماددىسىنىڭ بەلكىلىمىسىگە ئاساسەن زەھەر ياساش، ئىلىپ-سىتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 67-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىنى تەدبىقلاشقا تىگىشلىك، جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بەرسەڭلار دەپ جاۋاپكار ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

يۇقارقى پاكىتلارغا قارىتا جاۋاپكار سوت ئىچىش جەريانىدا باشقىچە پىكىرىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكارنىڭ جىنايەتلىك ئىكەنلىكى توغۇرسسىدا تۆۋەندىكى ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى:

1) ج خ دېلوسى بىلەن بىرگەن يوللانغان ئىككى دانە ئەلگەك تورى ۋە غاڭزا ؛ 2) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەمىنلىگەن جاۋابكارنىڭ نوپۇس ئىسپاتى؛

3) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەتىرىتىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى توغرىسىدىكى ئىسپاتى.

4) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەتىرىتىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى تۇتۇپ قىلىش قاراى ۋە تۇتۇپ قىلنغان بۇيۇملانىڭ تىزىملىك ئىسپاتى؛ 5) ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئەتىرىتىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى زەھەرنى يۇقىرغا تاپشۇرۇش ئىسپاتى؛ 6) ئاقتۇ ناھىيلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى ئىسپاتى؛ 7)جاۋابكار يۈXنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋە 14-كۈنىدىكى سوراق خاتىرىسىدىكى ئىقرارى؛ 8) ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ بىكىتىش ئورنىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى (2016)023-نۇمۇرلۇق ماددىي ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى. 9)ئاقتۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەتىرىتىنىڭ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى نەق مەيدان تونۇتۇش خاتىرىس. 10) نەق مەيدان خەرىتىسى، نەق مەيدان سۈرىتى، جاۋابكاردىن تۇتۇپ قېلىغان بويۇملارنىڭ سۈرتى قاتارلىقلار.

جاۋاپكار يۇقارقى ئىسپاتلارنى سوت ئۈستىدە ئىتىراپ قىلدى مەھكىمىمىز بۇ دەلىل-ئىسپاتلارنى بىكىتتى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋاپكارنىڭ زەھەر ياسىغان قىلمىشىدىن زەھەر ياساش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت، يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن، ئىسپاتلاش كۈچى بىكىتىلگەن دەلىل-ئىسپاتلار ۋە قانۇندىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا تەپتىش مەھكىمىسنىڭ جاۋاپكار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان شىكايىتىنىڭ پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى بار قوللاشقا بولىدۇ، جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە جاۋاپكارنىڭ تۇنجى قىتىم جىنايەت سادىر قىلغانلىق، ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىق قاتارلىق تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇپ مۇۋاپىق جازا بىرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 347-ماددىسى، 64-ماددىسى، 52-ماددىسى 67-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:

جاۋاپكار يۈXنىڭ زەھەر ياساش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بىرىلىپ جازاسى بىر يىل كىچىلتۈرۈلدى، قوشۇمچە 1000 يۈەن شىتىراف قويۇلدى.

جاۋاپكار دېلو سادىر قىلغاندا ئىشلەتكەن ئىككى دانە ئەلگەك، بىر دانە غاڭزا قانۇن بويىچە بويىچە مۇسادىرە قىلىندى.

جاۋاپكارنىڭ جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ سىناش مۇددىتى ھۆكۈم بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ.

ئەگەر بۇ ھۆكۈمگە قايىل بولمىغان تەرەپ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسدىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاسلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسگە نارازىلىق ئەرز بىرىشكە ھوقوقلۇق. (نارازىلىق ئەرز بەرگەندە ئەرز خېتىنىڭ ئەسلى نۇسقىسدىن ئىككى نۇسقا، كۆچۈرمىسدىن ئۈچ نۇسقا جەمئى بەش نۇسقا تاپشۇرۇشى شەرت).

 سوتچى خۇرشىدە ھەبىبۇللا

2016-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى

 پۈتكۈچى مامۇتقان مەمەتقان

公 告

  一、本裁判文书库公布的裁判文书由相关法院录入和审核,并依据法律与审判公开的原则予以公开。若有关当事人对相关信息内容有异议的,可向公布法院书面申请更正或者下镜。
  二、本裁判文书库提供的信息仅供查询人参考,内容以正式文本为准。非法使用裁判文书库信息给他人造成损害的,由非法使用人承担法律责任。
  三、本裁判文书库信息查询免费,严禁任何单位和个人利用本裁判文书库信息牟取非法利益。
  四、未经许可,任何商业性网站不得建立与裁判文书库及其内容的链接,不得建立本裁判文书库的镜像(包括全部和局部镜像),不得拷贝或传播本裁判文书库信息。
新疆阿克陶县法院网
关闭窗口
地址:阿克陶县人民东路170号:   邮编:845550:  

Copyright© 2019 All right reserved 新疆维吾尔自治区高级人民法院版权所有 新ICP备16001863号-2